خىتاي، د س ت نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى

2005-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە چىڭخەيدىن كېيىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلارنىڭ بىرى. قۇش قۇكام ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر غاز پېرمىسىدا بايقالغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. "ۋول ستىرىت ژورنال گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىڭخەي بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.مەزكۇر ئورگان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تېزرەك تەستىقلىشىنى ئۆمىد قىلىدىكەن.

"ۋول ستىرىت ژورنال گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى روي ۋادىيا، " دائىرىلەر تەلىپىمىزنى تېزراق تەستىقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى،" دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما " ۋول ستىرىت ژورنال گېزىتى"، خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ چىڭخەيگە بېرىشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە چۆچەك شەھىرى ئەتراپىدىكى غاز فېرمىسىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەتبۇئاتلار بۇ خەۋەرنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت