خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر نەپەرئۇيغۇر ۋەكىلى بېيجىڭدا پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلدى

2004-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر كادىرى جۈمە كۈنى كەچتە بېيجىڭدا پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسم- فامىلىسى تېخى ئېنىقلانمىغان بۇ كىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى، ئەدىلىيە خادىملىرىنىڭ ھوقوقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرى قاتارلىق ناھەقچىلىقلار ئۈستىدىن مەركەزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن . بىراق ئۇ جۈمە كۈنى كەچتە بېيجىڭ جەنۇبىي تۆمۈر يول ئىستانسىسىنىڭ جىيېشىن گۈللىكىدىكى چۆپلۈكتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن 10 نەچچە يېرىگە پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. مۇخبىرىمىز بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىگە تېلىفون قىلغىنىدا، ئۇلار بۇ دىلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت