ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

2006-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيىدە چىقىدىغان "ئاساھى شىنبون گېزىت" نىڭ 20 ‏- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە 65 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى يەنئەن كوچىسىدا يولدىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۇلارغا بىر ئەر كىشى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ، يېشى 10 ياشلاردىكى ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇئەللىمىنى يارىلاندۇرغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ جىنايەتچىسىنى روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشى ياكى قىساسخور بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىىقنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن يەنە بىر خەۋىرىدە، بىر ئەر كىشى ئىككى ئوقۇغۇچىنى چېپىپ ئۆلتۈردى، ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇردى، يارىلانغان كىشىلەر ھازىر ئەتراپتىكى دوختورخانىلار قۇتقۇزۇلماقتا دەپ بايان قىلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە مۇخبىرى "تېڭشۈن خەۋەرلىرى" تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋەردە "ساقچىلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ جىنايەتچىسى 38 ياشلىق ئابدۇخالىق مىجىت، جەنۇبتىكى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن كەلگەن، ئۇ مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ پىچاق ئىشلىتىپ جىنايەت سادىر قىلغان" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت