خىتاي ھۆكۈمىتى ھادىسىدە قازا قىلغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىدى

2006-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا بېرىلدىغان تۆلەم قىممىتى 200 مىڭ يۈەنگە بېكىتىلگەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مايتاغدىكى بىر خام نېفىت ساقلاش ئامبىرىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، پارتلاشتا 12 ئادەم قازا قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەندە 24 كىشى نەق مەيداندا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئىشچىلار ئىكەن. ھۆكۈمەت پارتلاشتا يارىلانغانلارنى دەرھال داۋالاشقا بۇيرىغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلرىنى ئەنخۇيدىن ئېلىپ كېلىپ، تېگىشلىك قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغان، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە 200 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىگەن.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى يەنى 28 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، بىڭتۈەن يېزا ‏ ئىگىلىك 6 ‏- دېۋىزىيىسىنىڭ 102 ‏- پولك مەيدانىدىكى " شىڭيا" شىركىتىنىڭ بىر كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۈر پارتلاشتا ئۆلگەن 14 خىتاي ئىشچىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئائىلىسىگە 200 مىڭ يۈەن تۆلەم ھەققى تۆلەپ بېرىلگەن.

پارتلاشتا ئۆلگەن 26 كىشىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا خىتاينىڭ ئالاقىدار تۆلەم ئۆلچىمى بۇيىچە تۆلەم تۆلەپ بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بايانتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىش ئۈستىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقاچان بۇنداق تۆلەم ھەققى بەرگەن ئەمەس ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت