ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ 126 ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى قاتنىشىدۇ

2006-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 30 ‏- ئاۋغۇست كۈنى" ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" يىغىنىدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۇر يەرمەنكىگە خىتاينىڭ ئىچى ۋە باشقا ئەللەردىن بولۇپ، 126 ئاگېنتلىقتىن مۇخبىر قاتنىشىدىكەن.

خىتاي خەۋەر’ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ’ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ يەرمەنكىگە مەسئۇل خادىملىرى، خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن، يەرمەنكە ھەققىدە كۆپ خەۋەر ئۇچۇر تارقىتىپ، " ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ ياخشى ئېچىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىر قانچە يىللاردىن بېرى، يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقان خىتاي ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەمما كۈزەتكۈچىلەر مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلىق قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ " ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" گە ئوخشاش داغدۇغىلىق مۇراسىملاردا، ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش ئۈچۈن، مۇخبىرلارنى يېتەكلەيدىغان مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇدىكەن. بولۇپمۇ زىيارەت قىلىدىغان شىركەت ۋە سودىگەرلەرنى ئالدىن بەلگىلەپ، ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئوخشاش سودا يەرمەنكىلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئېچىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.

خىتاي، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى توسايدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت