گوللاندىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى

2007-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گوللاندىيە CPRO رادىئوسىنىڭ 25 - نويابىر خەۋەر بېرىشىچە، مەزكۈر ئاخبارات ئورنىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇخبىرلار ئەترىتىدىكى بىر قانچە مۇخبىر ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى ھەمدە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتا ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن، گوللاندىيىدىن خىتاينى زىيارەت قىلىشقا بارغان بۇ مۇخبىرلار، خىتايدىكى بىر قەدەر ئۆتكۈر ھەم نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئاخبارات ئىگىلەش قىزغىنلىقى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان.

ئەسلى ئۇلار ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشتىن باشقا،ئۇدا ئۇچ قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى بولغان رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ئىگىلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى باشلىماي تۇرۇپلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسى ھەمدە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، ئارىدا بىر مۇخبىرنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ بىر مۇنچە ئاۋارىگەرچىلىكتىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

بۇ مۇخبىرلار ئەپسۇسلانغان ھالدا گوللاندىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا مۇخبىرلارغا ئەركىنلىك بېرىش ۋەدىسىنىڭ يالغانلىقىنى پاش قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىمىزنىڭ قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئېلى ھەم بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىنتايىن ناچار ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى دەپ بايان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ يىلنىڭ بېشىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدە ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە تىبەت ۋە خىتاي ئىچىدىكى ئاساسلىق نازۇك مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا چەتئەل مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىشى چەكلەنمەكتە.

خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن 15 ھەپتە ئىچىدە جەمىي 18 نەپەر چەتئەل مۇخبىرى خىتايدا تەھدىت ھەم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت