رۇسىيە كېلەر يىلدىن باشلاپ ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىدىن خىتايغا نېفىت ماڭدۇقماقچى

2006-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كېلەر يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ رۇسىيە نېفىتىنى قازاقىستان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىدىن خىتايغا توشۇماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شاڭخەيدە چىقىدىغان "بىرىنچى مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇدىرى بوگدانچىكوۋ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن خىتاينى يىلدا ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىدىن بىر مىليون 500 مىڭ تونا نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ قايسى شىركىتى بىلەن ئىمزالانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە نېفىت شىركىتى بۇ كېلىشىمنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى تەستىقلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە رۇسىيە نېفىت شىركىتى خىتاينى ھەر يىلى تۆمۈر يول ئارقىلىق 8 مىليون 800 مىڭ تونا نېفىت بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. رۇسىيە نېفىت ترانسپورت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋايىنشىتوك، رۇسىيە نېفىتىنى كېلەر يىلى قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىدا خىتايغا توشۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قازاقىستان تەرەپنىڭ بۇنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت