خىتاي دائىرىلىرى پەيزىۋاتتىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە تۇتقان

خىتاي دائىرىلەر پەيزىۋات ناھىيىسى قىزىل بويى يېزىسىدا چارشەنبە كۈنى يەرلىك ئۇيغۇر ياشلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىكى مەكتەپ يېشىدا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىل بويى يېزىسىدىكى 2 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىگە قاتناشقان، دېگەن گۇمان بىلەن ئىز دېرىكى قىلىنىۋاتقان 23 ياشلاردىكى ئانارگۈل ئىسىملىك يېزا قىزىنىڭ 8 ياشلاردىكى ئوغلى ۋە ئامانگۈل ئىسىملىك ئانىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار قىزىل بويىدىكى ۋەقەگە قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقتا.

بۇ ياشلار مىشا يېزىسىنىڭ پۇقرالىرى بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىكى مەكتەپ يېشىدا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. لېكىن گۆرۈگە ئېلىش قاچقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن چەكلىنىدىغان ياكى خۇلۇم - خوشنا، تونۇش بىلىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قىزىل بۇيىدىكى ۋەقە چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا قىزىل بويى ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار مەزكۇر يېزىدىكى ئانارگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، قوناقلىقتىكى ياشلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ياشلار ساقچىلارنىڭ 2 سىنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن، ئاز دېگەندە 4 ساقچىنى يارىلاندۇرغان، ساقچىلارنىڭ بىرى قېچىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ۋەقە 8 - ئاي كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچى كۈچلىرىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان 4 - قېتىملىق ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقە خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن رايوندا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى كەڭ - كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان مەزگىلدە يۈز بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت