ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەلق قۇرۇلتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى جۈمە كۈنى بېلەت تاشلاپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سوڭ دېشىنى " ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك" گۇمانى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە سوڭ دېشىنىڭ 41 مىليون يۈئەنلىك بىر خىيانەتچىلىك بىر خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرى جۈمە كۈنى خىتاي " مالىيە - ئىقتىساد " گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. سوڭ دېشى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەزگىلدە خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي قانۇنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئۇلارنى ئالدى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇش كېرەك.

خىيانەتچىلىك خىتايدا ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە. بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ئومۇملاشقان مەسىلە بولۇپلا قالماي، جەمئىيەتتىكى نورمال مۇناسىۋەتلەرگە قەدەر كېڭەيگەن ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر. خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خىتاي رەھبەرلەر دائىم تەكىتلەيدىغان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەپسىز ئەمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت