خوتەن ۋادىسىدىكى يەر تەۋرەش ھازىرغىچە 889 قېتىم داۋاملاشتى

2008-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

21 - مارت يەنى نورۇزنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق كېرىيە ۋە چىرىيە ناھىيە تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا 7.3 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپەتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەم 97 مىڭ نەپەردىن، ئىقتىسادى زىيان 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خوتەن ۋادىسىدىكى يەر تەۋرەش بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى 5 تىن 57 مىنۇت ئۆتكىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 889 قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاپەتنىڭ زىيىنى ئېغىرلىشىپ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيگەن.

بۇ ھەقتە رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر خىتاي كادىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، كېرىيەنىڭ ئاتچان يېزىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى يەر تەۋرەشتە سىنىپلار زەخمىگە ئۇچرىغان بولغاچقا دەرس توختاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھازىرچە ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە رەسمىي مەلۇماتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئىشەنچسىز ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلگەنلىكى مەلۇم. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت