ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدە يەر تەۋرىدى

2005-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن 6.2 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش مەركىزى ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئاۋات يېزىسىدا بولۇپ، يەر تەۋرەش سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30 لار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 2003 - يىلى 2 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تەۋرەش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشتە 268 ئادەم ئۆلگەن، 20 مىڭ ئائىلە ئۆي ماكانسىز قالغان ئىدى.

ئۈچ تۇرپان ناھىيە بازىرىدىكى پۇقرالار، تەۋرەشدىن كېلىپ چىققان سىلكىنىشنى روشەن دەرىجىدە ھىس قىلغان. تەۋرەش بىر مىنۇتتىن بىر يېرىم مىنۇتقىچە داۋام قىلغان. ۋەقەدە يەر تەۋرەش رايونىدىكى بەزى ئۆيلەرگە دەز كەتكەن، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلگەن.

يەر تەۋرەش رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ھازىرغىچە ئۆلۈم - يېتىم يۈز بەرمىگەن. ئۈچ تۇربان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى دائىرىلەر، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا يوللانغانلىقىنى شۇنداقلا يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ماددى زىيانلار ۋە ئادەم چىقىمى توغرىسىدا ھازىرغىچە مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت