ئاپتونوم رايوندا 76 ئورۇندا ياۋايى قۇش- ھايۋاناتلاردىن يۇقۇدىغان كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلغان

2006-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 29 ‏- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، قۇش زۇكامى 2003 ‏- يىلىدىن ئېتىبارەن ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقىغا قاراپ تىز سۈرئەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي، كامبوژا، ئەزاربەيجان، خوڭكوڭ، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىراق، تايلاند، تۈركىيە، ۋېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە H5N1 بەلگىلىك قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن ياللۇقلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن ئادەم سانى 150 تىن ئاشتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن ھىندونېزىيىدە يەنە بۇخىل قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 74 كىشىنىڭ 57 سى خەۋپ ئاستىدا قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، 2005 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 15 ۋىلايەتتە ياۋايى ھايۋاناتلاردىن يۇقۇدىغان كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش دېگەن نام ئاستىدا 15 دۆلەت دەرىجىلىك، 21 ئۆلكە دەرىجىلىك كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇيىل بۇنداق نامدىكى ئورگاننىڭ سانى 76 گە يەتكۈزۈلگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت