رەيچىل خاررىس بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەيچىل خاررىس يازغان «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
رەيچىل خاررىس يازغان «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
Rachel Harris

2020-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكەن بىر يىل دەپ قارىلىۋاتقاندا، غەرپ دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ نەشىردىن چىققان بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى تەپسىلى يورۇتۇلغان ئون نەچچە ئەسەر كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە داۋاملىق يۈز كۆرۈشىۋاتقان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر رەيچىل خاررىسنىڭ «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» ناملىق ئەسىرى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

مەزكۇر ئەسەرنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىگە زېھىن قويۇپ كېلىۋاتقان رەيچىل خانىمنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈگەللىنىشى، دېيىش مۇمكىن. ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان ھەمدە ھازىر لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان، دەپ قارىلىۋاتقان دوكتۇر راھىلە داۋۇت بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان رەيچىل خاررىسنىڭ بۇ ئەسىرىمۇ ئاشۇ يوسۇندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېزا-قىشلاق ئاياللىرىنى مەركىزىي تېما قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەچ بۇنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«شۇنداق. بۇ يىل بىز بىر-بىرىدىن ياخشى بىر يۈرۈش كىتابلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بولۇپمۇ شان روبېرتس، تىم گروس، يەنە دەررېن بايلېرنىڭ پات يېقىندا نەشردىن چىقىدىغان كىتاۋى، ئېرىك شلۇسېلنىڭ كىتاۋى دېگەنلەر ئامېرىكىدا نەشردىن چىقتى. ئەمدى بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىلىق ‹ئەر› لەر يازغان بۇ كىتاپلارغا سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە مېنىڭ كىتاۋىمنى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيەسىگە بېغىشلانغان، دېيىش مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ياشاش ھەمدە شۇ جايدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بايقىغانلىرىم ئاساسىدا يېزىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدۇر. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا مېنىڭ كىتاۋىمدا بايان قىلىنغانلىرى ئ‍ۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق سىياسىي تېمىلار ياكى ئېقىم مەسىلىلىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ رېئال كارتىنىلىرى. شۇنداقلا بۇ زور تېمىلارنىڭ ئاشۇ يەرلىك خەلقلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدۇر.»

رەيچىل خاررىس تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان بۇ مەزگىللەر خىتاي ھۆكۈمىتى «تەرەققىيات» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىۋاتقان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىشنى ئاساس قىلغان بۇ خىل «تەرەققىيات» ماھىيەتتە مىليونلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ بۇ ماكانغا كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئ‍ىجتىمائىي ھادىسىلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئېغىر كىرىزىس ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بولغان ئىسلام دىنى ساھەسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەدىكى يېتەكچى كۈچلەرنى ئۆز مەۋقەسىگە تارتىشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ «مەسچىتلەرگە خىتاي بايرىقى ئېسىش»، «مەسچىتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش» قا خۇشتار ئىماملارنى تاشلاپ، «شەرىئەتكە ئەگىشىش» كە، باشقىلار «ۋاھابىلىق» دەپ ئاتايدىغان بىر قىسىم دىنىي قائىدىلەرگە، جۈملىدىن قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە لىباسلارغا مەپتۇن بولۇشقا باشلىغان. ئەمما ئاپتورنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار دەل مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى جان-جەھلى بىلەن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار «خىتاي چەكلىگەننى بىز ياخشى كۆرۈشىمىز لازىم» دېگەن قاراشتا تاللىغان. ئەمما بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئوخشىمىغان باھالارغا سەۋەب بولغان.

«مەن ‹ئ‍ۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ئەسىرىمدە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بارچە سەھىپىلىرىگە قاراپ چىقىلدى، دەپ قارىمايمەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنى تېمىسىنى ھەرقاچان چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان بىر ساھە، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى تاشقى دۇنيادىكىلەر ھەرقاچان قويۇق ساقال-بۇرۇتلارغا، ھېجابلارغا قاراپلا بۇ مۇسۇلمانلاردا بىر چاتاق بارىكەن، دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئاشۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىدىئولوگىيەسى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىشتا ئۇلارنىڭ قىياپىتىگە قاراشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىشنى تاللىدىم. مېنىڭچە، بۇ بەك مۇھىم. شۇڭا مەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ باقتىم، ئۇلارنىڭ ‹خەتمە› دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي يىغىلىشلىرىغىچە قاتنىشىپ باقتىم، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالدىم. شۇڭا مەن تەسۋىرلىگەن ‹تاۋۇشلۇق مەنزىرە› كىشىلەر كۆرۈپ ئادەتلەنگەن ‹زېمىن مەنزىرىسى› نىڭ ساداسى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ‹زېمىن مەنزىرىسى› ھەرقاچان مەلۇم بىر تېرىتورىيە ھەققىدىلا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ‹مەنزىرە› ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ‹يېڭى تېرىتورىيە›، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان رايونى ھازىر بەكمۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بۇ ئۆزگىرىشلەر 2012-يىلىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كۆپ قېتىم سەپەر قىلغان رەيچىل خاررىسنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ ئۇ مەركىزىي شەھەر بولغان ئۈرۈمچىدە ياغلىقنى چېكىلەپ چىگىۋالىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن قارا لىباس ۋە بۇرقا سالغان ئاياللارنى، يول بويلىرىدا ئۇچرايدىغان ئۇيغۇر كىتابپۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىلدىكى دىنىي ساۋاتلار چۈشەندۈرۈلگەن «قانۇنسىز» كىتابچىلارنى كۆپلەپ سېتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىسلام ھەققىدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ قىسىم دۇكانلاردىكى «تېز» ماللاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تاماكا سېتىلمايدىغانلىقىنى، رېستۇرانلاردا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بولۇپمۇ ھەرقايسى ناھىيەلەردىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرنىڭ بۇ خىل ئىسلامىي مەزمۇندىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشى ھەمدە بۇ كىشىلەردىن ئاشۇ ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغان يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل دىنىي بۇيۇملارنى يوشۇرۇن ساقلىشىدەك ئىشلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ بەلگىلىشى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.

«شۇڭا مەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى دىنىي مەزمۇننى ئاساس قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. بۇلار ئەڭ دەسلەپ VCD ياكى DVD شەكلىدە تارقالغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى سېتىۋېلىشى مۇنداقچە ئېيتقاندا ‹قانۇنسىز› دەپ قارىلىپ كەلگەن. كېيىنچە بۇنى كىشىلەر ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزئارا ھەمبەھىرلەشكەن. بۇ ماڭا بەكمۇ قىزىقارلىق بولۇپ تۇيۇلدى. يەنە كېلىپ كىشىلەر بۇ خىلدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگەنىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازلار كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئىپادىلىشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش ھەمدە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان. ئەمما ئاشۇ خىلۋەت يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىشى ھەمدە دىنىي پۇراقتا كىيىنىشىنى بىر قىسىم كىشىلەر ‹نادانلىق› ۋە ‹قالاقلىق› دەپ تەنقىدلەپ كەلدى. مەن كىتاۋىمدا مۇشۇ خىل قاراشنى ئۆزگەرتىشكە جىق كۈچىدىم. ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان كۆپلىگەن ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئۇچراشتىم. قارىسام ئۇلار دۇنياۋى ئېقىمدىكى نۇرغۇنلىغان پىكىرلەردىن خەۋەردار ئىكەن. شۇ جەرياندا مەن ئۇ ئاياللارنى ‹قالاق› دەيدىغان قاراشنى قەتئى ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇ قەدەر تەقۋا بولۇپ كېتىشىنى سىياسىي كونتروللۇق 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىپ تۇرىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ياكى دىندىن خالىي بولغان زامانىۋى ھاياتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراش لازىم.»

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر قاتار سىياسەتلىرى تېزدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قورقۇنچ ۋە ئىلاجىسىزلىققا مەھكۇم قىلىشقا باشلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت