مۇتەخەسسىسلەر: «بالىلار ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىش ئىجتىمائىي لايىھەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«پەرىشتىلەر» مەكتىپى ئالدىدا تەكشۈرۈش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار. 2018-يىلى 30-ئاۋغۇست، خوتەن.
«پەرىشتىلەر» مەكتىپى ئالدىدا تەكشۈرۈش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار. 2018-يىلى 30-ئاۋغۇست، خوتەن.
AP

يېقىندا خوتەندىكى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەزكۇر ناھىيەنىڭ يەسلىلىرىدىكى 4-5 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەپتە ئىچىدە ئائىلىسىگە قايتمايدىغانلىقى، ھەپتە ئىچىدە قونۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئۇقتۇرۇش ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۈندىداردىكى ئالاقىدار توپلاردا مۇنازىرە قوزغىغان.

ئۈندىداردىكى بۇنىڭغا دائىر مۇنازىرىلەر چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چاپلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ تۈزۈمنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى بارلىق يەسلىلەردە تەڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ياكى قاراقاش ناھىيەسىگە خاس يەرلىك تۈزۈم ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ھەر دۈشەنبە كۈنى يەسلىگە ئېلىپ بېرىپ، ھەر شەنبە كۈنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن. بىز 22-ئاپرېل يەرلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئۇچۇرنى ئېنىقلاش جەريانىدا، قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر كەسپىي ئورۇننىڭ نۆۋەتچى خادىمى بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىز ئىنتايىن ئەنسىرىگەن ھالدا «ھەئە، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، قارانچۇقسىز قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق ئەسلىھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئائىلىسى ۋە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلىغان. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە، بۇ ئەھۋالنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە ئادەتتىكى يەسلىلەرگە كېڭەيتىلىشى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ئېھتىياجى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان بېغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

بەزى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تۈزۈمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ (ئۇيغۇر) ياش ئەۋلادلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە چۈشىدۇ. بۇ دېمەكلىك بۇ بالىلار تېخىمۇ قويۇق خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى مۇھىتىغا ئېلىپ كېرىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، بۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئىمكان يارىتىدۇ».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ئائىلە پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان مۇداخىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ئۇ دۆلەتنىڭ بالىلارغا بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. دۆلەتنىڭ نەزىرىدە بالىلار ناھايىتى ئىستراتېگىيەلىك. چۈنكى، ئۇلار تىلنى ئاسان ئۆگىنىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ۋاقتى. بالىلارنىڭ نىشان قىلىنىشى ئۇلارنىڭ كەچلىك ۋاقتىنى ئىگىلەشتۇر».

ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تۈزۈم ھېچقانداق ئېھتىياج بولمىغان ھاجەتسىز بىر تەدبىر بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ «ئائىلە پۈتۈنلۈكىنى بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئائىلە ھاياتىغا قىلغان مۇداخىلىسى» ئىكەن.

قاراقاش ناھىيەسى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر تۈزۈمى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئامېرىكادىكى بەزى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان. يېقىندا ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ بىرى بولغان رەندى شىركىتىنىڭ ئىككى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك گېئو-ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، خوتەن شەھىرى ئەتراپىدىكى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار تۇرۇشلۇق 20 دەك بۇ خىل ئەسلىھەنى تېپىپ چىققان.

بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ ئورۇنلار 2018-يىلى 7-ۋە 8-ئايلاردا سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلارغا 5000 دەك بالا سىغىدىكەن. ئۇنىڭدا، خوتەندىكى بالىلار تۇرۇشلۇق بۇ 20 دەك ئورۇن مەزكۇر رايوندا مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە سېلىنغان بالىلار تۇرۇشلۇق بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ سېلىنىش ۋاقتى رايوندا لاگېرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلغان ۋاقتى بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدىكى ئىجتىمائىي لاھىيەلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ نىشانلىق ئىستراتېگىيەسى ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلىق ئىستراتېگىيەسى. بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتى ھۆكۈمەت يەسلىلىرىدە ئۆتسە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كەچلىك ۋاقتى بۇ ئورۇنلاردا ئۆتسە، ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنى ھەپتىدە 5-6 كۈن كۆرمىسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مەنىۋى بېغىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى كېڭەيتىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-ۋە 2017-يىللىرىدىن باشلاپ رايوندا «يەسلى» نامىدىكى بالىلار ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. دائىرىلەر 2017-يىلنىڭ باشلىرىدا رايون مىقياسىدىكى 4387 بالىلار «يەسلىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇنىڭغا 562 مىڭ 900 بالا سىغىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە 35 مىڭ بالا سىغىدىغان 207 كەنت بالىلار يەسلىسى سېلىنغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت