ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان «ھاشار» ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ھاشارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رايوندا ھەر خىل ئوخشىمىغان شەكىللەر ۋە ناملار ئاستىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

بۇ خەۋەرلەردە ئاساسلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ لاگېر ئەتراپىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، لاگېرغا كىرمىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋىدېيولاردا ياش ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئاشكارىلانغان ۋىدېيولاردا يول قۇرۇلۇشى، ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئايال كىشى ئىدى. شۇنداق ۋىدېيولارنىڭ بىرىدە ياشىنىپ قالغان بىر موماي بىر توپىلىقنى كولاۋاتقان بولۇپ، بۇ موماي يوغان-يوغان تاشلارنى گۈرجەك بىلەن قۇمۇرىدۇ ۋە ئۇنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان خىتاي «ياڭ جىيۈ» دەۋاتقان ئاۋازى چىققان. «ياڭ جىيۈ» خىتايچە بىر خىل قاش تېشىغا بېرىلگەن نام بولۇپ، ئۇ خىتاي ئۇيغۇر موماي قومۇرۇپ چىققان ئاق تاشنىڭ شۇ خىلدىكى قاش تېشى ئىكەنلىكىنى دەۋاتاتتى. ياشانغان ئۇيغۇر موماينىڭ مۇشۇنداق ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان كۆرۈنۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۆرۈنۈشلەردىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك كۈچلىرى بولغان ئەرلەرنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىشىدىن كېلىپ چىققان بىر پاجىئەلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئۇيغۇر ئاياللىرى ھازىر لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ئەرلىرى، بالىلىرىنىڭ ئورنىغا ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنماقتا،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى باشلاپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىغان. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئادرىيان زېنز بىر دوكلاتىدا «رايوندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرگە ئائىت نوپۇس ئانالىزلىرىدىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 32 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بىر مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىلىرى، بىر ئۆينىڭ ئېرى ۋە ئاتىلىرى ئىكەنلىكىنى،» بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قېرى-ياش ئايرىماي ئەمگەك كۈچى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېنرىي مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە سىياسىي قايتا تەربىيە بىلەن بىرلىكتە قوللىنىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كۆپ قېتىم ئاخىرلاشتى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دائىم ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولدى. ھاشار ئادەتتە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى كۆپ بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ بولۇپ، ھەر بىر كىشى بېشى ۋە ھەر بىر ئائىلىگە ئەمگەك نورمىسى بېكىتىلگەن. بۇ نورمىنى تولدۇرالمىغاندا جازالىنىش تۈزۈمى مەۋجۇت. شۇڭا مەن بۇ ۋىدېيولاردا ياشانغانلارنىڭ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىزدىكى سەۋەبنىمۇ مانا شۇ دەپ قارايمەن. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى بىر بولسا لاگېرغا قامالدى، بىر بولسا زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېتىلدى، شۇڭا يېزا-ئىگىلىك ئىشلىرى قېرىلارغا، جۈملىدىن ئاياللارغا قالدى.»

ھېنرىي شاجېۋىسكى سۆزى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارانى ئۆزىنىڭ «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» گە جەلپ قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاتتىق زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت