ئىلشات ھەسەن: لاگېرلارنىڭ سانى ئازايدى، كۆلىمى زورايدى، بىر مىليونچە تۇتقۇن يەنىلا لاگېرلاردا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇرپانغا سېلىنغان مەلۇم «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى».
تۇرپانغا سېلىنغان مەلۇم «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى».
Social Media

لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (6)

ئىلاۋە:

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان دەسلەپكى خەۋەرلەردە، 30 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بىر ئۆيگە 60 نەچچە كىشى سولانغانلىقى، تۇتقۇنلار كېچىلىرى ئوڭدا ياتسا سىغمىغانلىقى ئۈچۈن يانتۇ يېتىشقانلىقى، ئاتالمىش مەكتەپلەرنىڭ كارىدورلىرىنىڭمۇ ياتاق قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. نورمال نەپەس ئېلىشقىمۇ مۇمكىن بولمىغان بۇ ھايات قانداق ۋە قانچىلىك داۋام قىلدى؟ بەزى جايلاردا دائىرىلەر ئىلگىرى سۈرگەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ سىستېمىلاشقانلىقى ئەنە شۇ نەپەسلەرنىڭ بىرئاز ئازادە ئېلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەتمۇ ياكى تېخىمۇ قىسىلىشىدىن بېشارەتمۇ؟

مانا بۇ سوئالغا جاۋابەن «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 6‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كۆپىنچە جايلاردا مەۋجۇت ئوتتۇرا مەكتەپ، پارتىيە مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار بازا قىلىنغان ۋە بۇ بازىلاردىكى ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلار ياتاق، سىنىپ ۋە كارىدورلاردا كېسەك تىزىلغان شەكىلدە يانمۇ-يان يېتىشقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىستا-قىستاڭچىلىق لاگېردىكىلەرنىڭ نورمال نەپەس ئېلىشىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماي، دائىرىلەرنىڭ لاگېردىكىلەرنى ئۆز پىلانلىرى بويىچە ئىدارە قىلىشىغىمۇ توسالغۇ بولغان. بەزى ماتېرىياللاردا ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر تۇتقۇنلارنىڭ» ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا يول قويماسلىق، ئەمما شارائىتقا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىشىگە پەرۋا قىلماسلىق «پوزىتسىيەسىنى تۇتقان. شۇڭا، كورلادا لاگېرغا توپلانغانلارنىڭ ئاياق بوغقۇچلىرى ۋە بەل تاسمىلىرى يىغىۋېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلاردا كىشىلەر كۆپەيگەنسېرى ۋە سىياسىي ھاۋا جىددىيلەشكەنسېرى بىر قىسىم قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرمۇ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كورلادا لاگېرلار قاماقخانا ۋە تۈرمىگە يانمۇ-يان سېلىنىپ، ئورۇن يېتىشمىگەن ئەھۋالدا بىرىدىن بىرىگە ئادەم يۆتكىگەن. كۇچادا، 1- ۋە 2-تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئەسلىدىكى قاماقخانىنىڭ ئورنىغا تەسىس قىلىنغان.

ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىر قېتىملىق يىغىندا،» لاگېرلارنى مەكتەپتەك باشقۇرۇش، گازارمىدەك چىڭ تۇتۇش ۋە تۈرمىدەك مەخپىي تۇتۇش «نى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما دەسلەپتە ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەرگە قۇرۇلغان لاگېرلار، ئەسلىھەلىرى يېتەرسىز بولۇشتىن باشقا شەھەر ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدە بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈرمىدەك مەخپىي تۇتۇلۇشىغا قۇلايسىز بولغان. شۇڭا دائىرىلەر لاگېردىكىلەرنى جەمئىيەتنىڭ ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن شەھەر ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ چەت-ياقىسى ياكى يىراق سىرتىغا يېڭىدىن لاگېر سالغان. ئاتۇشتىكى بەش لاگېرنىڭ ھەممىسى، سانائەت رايونى دەپ ئاتىلىدىغان، شەھەردىن 10 كىلومېتىرچە ئۇزاقتىكى جايغا سېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلار دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، خىتاي خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئېغىر ئۇچرىغان، بولۇپمۇ لاگېرلارنى كەسپىي تەربىيە مەركىزى دەپ تونۇشتۇرۇشى مەسخىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، دائىرىلەر زور بىر قىسىم ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرىنىڭ نامىنى تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتكەن ۋە خەلقئارا جامائەتكە تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قارىقاش ناھىيەسىدە لاگېردا 14 يىللىق كېسىلگەن بانۇخان دېگەن ئايال، جازا مۇددىتىنى ئۆزى تەربىيەلەشكە ئەكېلىنگەن بوستانكۆل لاگېرىدا ئۆتەشكە باشلىغان. ياۋا يېزىسىدىكى بىر تۇتقۇنمۇ بوستانكۈل لاگېرىدا كېسىلگەندىن كېيىن جازا مۇددىتىنى يەنە شۇ لاگېردا ئۆتەشكە باشلىغان. دېمەك بوستانكۈل لاگېرى 2019 ‏-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي، خەلقئارا جامائەتكە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە، بىر قىسىم لاگېردىكىلەرنى، يېڭىدىن سېلىنغان ياكى كېڭەيتىلگەن تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى لاگېردىكىلەر كورلا بىلەن بۈگۈر ئارىسىدىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر لاگېردىكىلەرنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يەنى ئۇلارغا قارىتا نازارەت ۋە قىيىن-قىستاقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىنالىرى تېخىمۇ چوڭ، كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ تولۇق لاگېرلارنى قۇرۇپ چىققان. ئىلشات ھەسەننىڭ يەنە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رايوندىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاچقان مەزگىللەردە، كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم سۈنئىي لاگېرلارنى ياساپ چىققان؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى لاگېرلار سىستېمىلىق يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ياكى كېڭەيتىلىپ، تۈرمىنىڭ شەكلى ۋە ماھىيىتىدە جازالاش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە لاگېرلار، كونىلىرىدىن ۋاز كېچىلىشى ۋە يېڭىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك سان جەھەتتىن ئازايغان، ئەمما كۆلەم جەھەتتىن كېڭەيگەن؛ لاگېرلارغا سولانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىدىن تەخمىنەن بىر مىليونچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە، بىر مىليونچىسى ئۇيغۇر رايوندىكى تۈرمە ۋە تۈرمە خاراكتېرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يوللانغان بولسا، يەنە بىر مىليونچە كىشى مانا مۇشۇ لاگېرلاردا تېخىچە جازاسىنى چەكمەكتە.

يۇقىرىدا» لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار «ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 6 ‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت