ئەرمۇدۇندىكى بىر كەنتتە نوپۇسنىڭ 45% ئى لاگېردا ئىكەنلىكى، مىشادا دېھقانچىلىقنى «پىدائىيلار» قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سىم تىكەن بىلەن چۆرىدەلگەن لاگېر دەرۋازىسىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
سىم تىكەن بىلەن چۆرىدەلگەن لاگېر دەرۋازىسىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
AFP

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىدىكى 1300 نوپۇسلۇق بىر كەنتتە 600 چە كىشىنىڭ، يەنى نوپۇسنىڭ 45% نىڭ لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا نوپۇسنىڭ يېرىمى دېگۈدەك لاگېرىدا بولغاچقا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە پىدائىيلار دەپ نام بېرىلگەن تەتىلدە ئۆيىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

گەرچە ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كوچىلاردا كىشىلەر پەۋقۇلئاددە ئازلاپ كەتكەنلىكى، دۇكانلار تاقىلىپ سودا-تىجارەتمۇ ئاساسەن دېگۈدەك توختىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق ھالدا قانچىلىك كىشىنىڭ، ياكى نوپۇسنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي سانلىق مەلۇماتلار تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. شۇڭا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، خادىملاردىن ئۆز تەۋەلىكىدە قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات سوراشنى توختاتمىدۇق. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىدىكى بىر مەھەللە باشلىقى، يېزا بويىچە 2-كەنتتىن «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بىز بۇ مەھەللە باشلىقىنىڭ بىلدۈرگىنى بويىچە، تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەر «ئانچە كۆپ بولمىغان» 1‏-كەنتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزى مەسئۇل كەنتتە 400چە ئائىلە بارلىقى، بۇلاردىن 300 چە ئائىلىدە «تەربىيەلەشكە» كە ئەكېتىلگەن كىشىلەر بارلىقى ۋە بۇلاردىن ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككىدىن كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆزى مەسئۇل كەنتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئاساسەن ياشلاردىن تەشكىللەنگەن كەنت ئىكەنلىكى، شۇڭا ھەر بىر ئائىلىدە جان سانىنىڭ بەك كۆپ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم، بۇ كەنتتە 1300 چە نوپۇس بارلىقى، بۇنىڭدىن 600 چە كىشىنىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆتكەنلەردە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى مۇبالىغە دەپ ئىنكار قىلغان، ئەمما ئۆزى ھەقىقىي ساننى ئېغىزغا ئالالمىغانىدى.

ئەرمۇدۇندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزكۇر خادىم، ئۆزى مەسئۇل كەنتتە ئەمگەك كۈچى ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كەنتنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى، يېزىغا چۈشكەن كادىرلار ۋە پىدائىي دەپ ئاتىلىۋاتقان تەتىل ئۈچۈن ئۆيىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى بىر ئاخبارات باياناتىدا، رايوندا كەسپىي تەربىيە ئېلىۋاتقانلارنىڭ 90% نىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى مەركەز، مەيلى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى، لاگېردىكى 90% كىشىنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ئېغىز ئاچمىدى؛ ئەكسىچە كەسپىي تەربىيەلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشمەكتە ۋە بۇ ھەقتە پىلان، پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان پەيزىۋاتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، بۇ ناھىيەنىڭ مىشا يېزىسىدا نوپۇسنىڭ يېرىمى دېگۈدەك «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىممۇ، ئاھالىلەرنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن شىكايەت قىلىشقا چارىسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە يېزىدا ئەمگەك كۈچى پەۋقۇلئاددە ئاز بولغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى يېزىغا چۈشكەن كادىرلار ۋە پىدائىيلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاخباراتتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالبانىيەلىك يازغۇچى ئولسى يازىجىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارىتى داۋامىدا، ئالاقىدار بىر خادىم، تۇنجى قېتىم لاگېردىكىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېغىز ئاچقان. ئولسىنىڭ قىستاپ سورىشى نەتىجىسىدە ئېغىز ئاچقان بۇ خادىم، لاگېردىكىلەرنىڭ ئومۇمى سانىنى «كۆپ ئەمەس، ئاران 500 مىڭ» دەپ بايان قىلغان. ئىلگىرى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ساننىڭ «2 مىليوندىن ئارتۇق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ساننىڭ 3 مىليون بىلەن 5 مىليون ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت