«شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت تۇتقۇندا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت ئەپەندى.
«شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت ئەپەندى.
Oqurmen teminligen

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011‏-يىللىق 5‏-سانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مىللىي كارخانىچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان «شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسلىقى ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ شىركەتنىڭ 2011‏-يىلدىلا ئۇيغۇر رايونى بويىچە 120 ئورۇندا توپ سېتىش، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇندا پارچە سېتىش نۇقتىسى بار ئىكەن. نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئىش بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بۇ باش دىرېكتور ئىككى قېرىندىشى، يەنى شىركەتنىڭ ئىككى ياردەمچى رەھبىرى ئابدۇكېۋىر ئابدۇسەمەت ۋە ئابدۇسەمى ئابدۇسەمەت بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، «شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى، 45 ياشلىق كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ شىركەتنى ياردەملىشىپ باشقۇرۇۋاتقان ئىككى قېرىندىشى ئابدۇكېۋىر ئابدۇسەمەت ۋە ئابدۇسەمى ئابدۇسەمەت بىلەن بىرلىكتە 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. دېيىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ مەركىزى ئىشخانىسى ئۈرۈمچىدە، فابرىكىسى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە بولۇپ، باش دىرېكتور ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت ئىككى قېرىندىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ۋە شىركەت خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

بىز شىركەتنىڭ خىتايچە تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشخانا ۋە زاۋۇتلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

بۇ تېلېفونلار ئېلىنمىغاندىن كېيىن بىز ئۈرۈمچى ۋە توقسۇدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار مەزكۇر شىركەت ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ يۇرتى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ياپچان ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ساقچىخانىدىكى ساقچى خادىمى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىل بۇرۇن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما بۇ خادىم ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ ھالال يېمەكلىكلەر ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى كەڭ‏ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشى دائىرىلەر تەرىپىدىن كىشىلەرنى «دىنىي رادىكاللىق» قا يېتەكلەش دەپ قارالغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئابدۇۋەلىنىڭ ئىنىسى ئابدۇسەمىنىڭ توقسۇدىكى زاۋۇتتىن 50 چە ئىشچىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ زاۋۇتنىڭ يىغىن زالىدا ناماز ئوقۇغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى ئابدۇسەمى ئابدۇسەمەتنىڭ زاۋۇتتىكى بىر تۈركۈم ئىشچىلارغا بىر جۈمە نامىزىدا ئىماملىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇسەمى ئابدۇسەمەت ئىماملىق قىلغان شۇ جۈمە نامىزىغا قاتناشقان شۇ كەنتىنىڭ بىر ئەزاسى 7 يىللىق كېسىلگەن.


ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ نەتىجىلىرى، يەنى ئۇنىڭ مىڭلارچە كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلەشتەك جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە 20-30 يىلچە ھۆكۈمەتكە تۆلىگەن تىجارەت باجلىرى ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدا 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى سىياسىي قۇيۇندىن قوغداپ قالالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت