ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە دەرس باشلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
AFP

23-مارت كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 23-مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇش باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-مارت كۈنى رايوندىكى 5004 باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ 4 مىليون 360 مىڭ 790 نەپەر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپلىرىگە قايتىپ دەرس باشلىغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مەكتەپلەردە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رادىيومىز ئۈرۈمچى، ئاتۇش، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ بەزى تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەندىشىسىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولدى.

ئۈرۈمچى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى»، يەنى ئىلگىرىكى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي خادىم 23-مارت دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر مەكتەپتە ۋە ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مەكتەپتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى مەكتەپتە نورمال دەرس باشلانغان. ئىلگىرىكى كورونا ۋىرۇسىدىن كارانتىن قىلىنغان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلار تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىدە تور ئارقىلىق دەرس ئاڭلاش تەدبىرلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇڭا مەكتەپتە يەنىلا كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

بىز بۇ ئوقۇتقۇچىدىن مەكتەپنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قانداق يولغا قويغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ مەسىلىگە ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

ئۇ مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىردەك ماسكا تاقايدىغانلىقىنى، چۈشتە ئوقۇغۇچىلار ئۆيگە قايتۇرۇلماي مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوپچە تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە مەكتەپ ئاپتوبۇسى بولمىغاچقا كەچتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆيلىرىگە قايتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئۇنىڭدىن ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش يەنىلا بىر تەھدىت ھېسابلىنىۋاتقان ھازىرقىدەك مەزگىلدە مەكتەپتە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زادى قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى تەكىتلەپ، مەكتەپتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىن ۋە بىڭتۇەندىن كېلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىر يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن خاتىرجەم بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۈرۈمچىدە 20 كۈندىن بۇيان نورمال خىزمەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھەتتا توي مۇراسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانىلار مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىنىشىغا قارىتا قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا تېلېفون قىلدۇق. غۇلجادىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئۇيغۇر «خاتا ئۇرۇلغان تېلېفون» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئەمما ئاتۇشتىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر سوئالىمىزغا ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

ئۇ بالىسى ئوقۇيدىغان مەكتەپتە سىنىپلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئارىلىق ساقلاپ ئولتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بالىسىغا ماسكا تاقىتىپ مەكتەپكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما بىز ئۇنىڭدىن بالىسىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى يۇقتۇرۇش خەۋپىگە قارىتا ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز بۇ ھەقتە يەنە نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ئىلمى تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى توردىن دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى تېخى تۈگىمىگەن مەزگىلدە مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇشنى يولغا قويۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يۇقۇملىنىش خەتىرى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇشۇنداق جىددىي بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ رايوندا نورمال ئوقۇش ۋە خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى ئېلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، ئۆز ئىناۋىتىنى قايتا ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك سىياسىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ھەتتا پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرىدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى گەپ قىلىشتىن قورقۇش ۋەھىمىسىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان سىياسىتىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندا ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت