چېگرادىن قېچىپ ئۆتكەن باخئاشار مالىك: خىتاي تۈرمىسىدە چىرىگەندىن بۆرىگە يەم بولغىنىم ئەلا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستانغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان باخئاشار مالىك(سولدا) «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ چۆچەكتىن قېچىپ كېلىش جەريانىنى مۇخبىرلارغا سۆزلىمەكتە.
قازاقىستانغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان باخئاشار مالىك(سولدا) «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ چۆچەكتىن قېچىپ كېلىش جەريانىنى مۇخبىرلارغا سۆزلىمەكتە.
RFA

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن باخئاشار مالىك ئايالى ۋە بىر بالىسى بىلەن 2015-يىلى 10-ئايدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە قازاقىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، 2016-يىلى، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چۆچەكتىكى باقتۇ چېگراسىدىن ئۆتكەندە خىتاي چېگرا دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغان ۋە پاسپورتلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. 4 ئۇ كۈن سولاپ قويۇلۇپ، كېيىن ئىنىسىنىڭ قول قويۇشى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن.

باخئاشار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇلار تۇرۇۋاتقان موڭغۇلكۈرەدىكى مەھەللىسىدىن ناماز ئوقۇغان ۋە باشقا سەۋەبلەردىن 20 دىن ئارتۇق ياش تۇتقۇن قىلىنغان.

گەرچە، ئۇ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ داۋاملىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا سوئال-سوراق ۋە پاراكەندىچىلىكتىن قۇتۇلالماي كەلگەنلىكى ئۈچۈن موڭغۇلكۈرەدىكى بۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۆزىنىڭمۇ بىر كۈنى قايتا تۇتقۇن قىلىنىشىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ، ئاخىرى 2017 يىلى-1 ئاينىڭ 17-كۈنى، قۇرۇق قول، پەقەت ئىككى بوتۇلكا سۇ بىلەن شوتا دېگەن جايلار ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ نارىنقول ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان چېگرادىن تاغلارنى ئاتلاپ قېچىشقا تەۋەككۈل قىلغان.

بۇ ۋاقىت قىشنىڭ جۇدۇنى باشلانغان، ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇسلارغا چۈشىدىغان مەزگىل بولۇپ، باخئاشار چېگرادا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىلىرى يول يۈرۈپ، ئىككى كېچە جاپالىق ۋە خەتەرلىك سەپەردىن كېيىن، 2017 يىلى، 19-يانۋار كۈنى قازاقىستان تەرەپكە ئۆتكەن. ئەمما ئۇنىڭ پۇل قوللىرى ئۈششۈپ، ئۆپكىسىگە قاتتىق سوغۇق تېگىپ 4 ئايلارچە داۋالىنىپ ئاران ئەسلىگە كەلگەن ئىكەن.

قازاقىستاندا بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن باخئاشارنىڭ ئايالى ۋە بالىسىمۇ كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بىر مەزگىل قىيىن تۇرمۇشتا ياشىغان. باخئاشارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قولىدا ھېچقانداق سالاھىيەتنامىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ پاناھلىق سوراش جۈرئىتىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ پاناھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنماي خەتەردە قالغانلىقىدەك ۋەقەلەر ئۇنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغان. يېقىندا ئۇنى قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ۋە سوتقا چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. گەرچە، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ قازاقىستان گىراژدانلىقى قوبۇل قىلىنىپ بولۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبلىك سوتقا چىققان تەقدىردىمۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرى بارلىقىدىن ئەندىشىگە چۆمگەن. نەتىجىدە، ئۇ يېقىندا «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» دىن ياردەم سورىغان ئىكەن.

باخئاشارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ھەقىقىي ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ، جەمئىيەتلەرنىڭ قازاقىستانغا ئۇنى قايتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشىنى كۈتمەكتە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ھايات قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» دىن سېيت مۇھەممەت، ئۆزلىرىنىڭ باخئاشارغا ياردەملىشىپ قازاقىستان دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭغا پاناھلىق سوراۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، يەنى ئايالى ۋە بالىلىرى قازاقىستان گىراژدانى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ قازاقىستاندا قېلىشىنى ھەقلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭ پاناھلىقى رەت قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، «قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قازاقىستاندا ياشاپ قېلىشىغا پۇرسەت بېرىشى شەرت» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن قازاقلارمۇ، قازاق زىيالىيلىرى ۋە دىنىي ئەربابلىرىمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىدى.

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» دىن بىرى، پائالىيەتچى گۈلجان خانىم ئوخشاشلا باخئاشارنىڭ تەقدىرىنىڭ قىل ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر ئۇ قايتۇرۇلغاندا ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىغا سوئال كەتمەيدۇ» دەيدۇ.

بۇنىڭ ئالدىدا قازاقىستانغا چېگرا بۇزۇپ كىرگەن مۇراغېر ئالىمئۇلى، قاستېر مۇساخانئۇلى ئىسىملىك بۇ ئىككى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن سولاپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىقى تېخى قوبۇل قىلىنمىغاننىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى ئىككى قازاق سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىككى قازاق ئۆكتىچىمۇ تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

ئىلگىرى لاگېر خىزمەتچىسى بولغان ۋە قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سىياسىي پاناھلىقىمۇ پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە كېتىپ، شۇ يەردە ياشاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت