ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ.
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەڭ باشتا سولانغانلار قاتارىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ مەۋجۇتتۇر. جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ 2017‏-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەركىن ئايۇپنىڭ ئىش ئورنى بولغان قەشقەر كوناشەھەر (توققۇزاق) ناھىيەلىك پارتكومغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە قەشقەر ئايررودوم ئەتراپىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

ئىگىلىشىمىزچە، 1987-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئەركىن ئايۇپ يۇرتى توققۇزاققا كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەن. خېلى بىر مەزگىل دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېىيىن تاشمىلىق يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئەركىن ئايۇپ2017 -يىلى توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۇتۇپ كېتىلگەن. 

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى ئەركىن ئايۇپ ئىسىملىك بىرسىنى تونىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ شخانىدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ببىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.

تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يەنە بىر خادىمى ناھىيەلىك پارتكوم ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەردىن 4 كىشىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلاردىن2 نەپىرىنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن پارتكوم كادىرلىرىدىن تۇتۇلغانلار ئىچىدە ئەركىن ئايۇپ ئىسىملىك بىرسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «ئەلۋەتتە بار» دەپ جاۋاپ بەردى. بىز ئۇنىڭدىن ئەركىن ئايۇپنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى سورىغىنىزمىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تۈر دېلولاردا ۋەزىپە ئۆتۈمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئەركىن ئايۇپنىڭ قايسىي لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنى دېلودىن خەۋەردار بۆلۈم باشلىقىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما تەۋسىيە قىلىنغان خادىم ئەركىن ئايۇپنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىمىز بىلەن تەڭ قىلىۋاتقان سۆزىنى توختاتتى. 

توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكوم قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى ئۆزىنىڭ پارتكومدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەرنى تەكشۈرۈش ۋە سوراق قىلىش جەريانىنىڭ بىر قىسمىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئامانلىق خادىملىرىنىڭ خىتاي تىلى ئاجىزلىقى سەۋەبلىك سوراقنى خاتىرىلەشكە قاتناشمايدىغالىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر پارتكومدا 200 چە ئىشچە-خىزمەتچى بارلىقى، بۇنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم ئۆزىنىڭ بۇلاردىن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەردىن 5 كىشىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تونۇيدىغانلىرى قاتارىدا ئەركىن ئايۇپنىڭمۇ ئىسمىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئەركىن ئايۇپنىڭ تۇتۇلغىنىغا 3 يىلچە بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ2017 ‏-يىلى5 ‏-ئايدا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى جەمئىيەت ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. 

ئەركىن ئايۇپنىڭ نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى، تونۇلغان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاكىسىنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى بەردى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپنىڭ قەشقەر ئايرودروم ئەتراپىدىكى بىر لاگېردا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى، ئەمما سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ ئېنىق ئەھۋالى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت