ئۇيغۇر دىيارىدا كىنوخانىلار ئېچىلدى، لېكىن ئىچى قۇپقۇرۇق دېيەرلىك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
Deadline.com دا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كوروناۋىرۇس سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، 500+ كىنوخانىنى قايتىدىن ئاچتى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-مارت.
Deadline.com دا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كوروناۋىرۇس سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، 500+ كىنوخانىنى قايتىدىن ئاچتى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-مارت.
deadline.com

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 16-مارتتىن باشلاپ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك تاقالغان رايوندىكى بىر قىسىم كىنوخانىلارنى قايتا ئېچىشقا باشلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مۇتلەق كۆپ قىسىم كىنوخانىلار بۇيرۇق بىلەن قايتا ئېچىلىپ بولغان. لېكىن شەخسىي كىنوخانىلارنىڭ ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

بۇنىڭدا دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان شۇنداقلا ۋە ئەڭ كۆپ ئېچىلغان كىنوخانىلار يەنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. خىتايدىكى «كۈندىلىك بىخەتەرلىك» ناملىق مالىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى «جوڭيىڭ ئالتۇن پالما» خىتايدىكى ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان كىنوخانا ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي مىقياسىدا جەمئىي 495 كىنوخانا ئېچىلغان. لېكىن بۇنىڭ 23 %’نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىنوخانىلار تەشكىل قىلىدىكەن. بىز 25-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «خەلق كىنوخانىسى» غا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر كىنوخانىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى كىنوخانىلار قايتا ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىنوخانىلار قۇپقۇرۇق دېيەرلىك ئىكەن.

كىنوخانا خادىمى: ««سائەت 10 يېرىمدە قويىدىغان كىنومىز ‹قاتىللىق› دېگەن كىنو. لېكىن تاماشىبىن كۆپ ئەمەس. 10 نەچچە ئادەم كۆرىدىغۇ، دەيمەن. چۈنكى، ھەممىسى كونا كىنو. بىز كىنوخانىنى دېزىنفېكسىيە قىلىمىز. تاماشىبىنلارنىڭ ماسكا تاقاپ كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كىنوخانىدا تاماشىبىنلار ئايرىم-ئايرىم ئولتۇرىدۇ. بىرگە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. پۈتۈن بىر كۈن قانچە ئادەم كۆرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىز پۈتۈن بىر كۈن 11-12 دەك كىنو قويدۇق. بىز يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن كىنو قويدۇق. مەدەنىيەت تۇرمۇشى بولمىسىمۇ بولمايدىغۇ. يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بىزنىڭ ئىشقا چۈشۈشىمىز تەلەپ قىلىندى. قويىدىغان يېڭى كىنو بولمىسىمۇ، تەلەپ بويىچە كونا كىنولارنى قويۇپ تۇردۇق».

ئۇ بۇنچىلىك ئاز تاماشىبىن بىلەن ئىقتىسادى زىياننى قانداق تولدۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، : «بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، بەلكىم يۇقىرى زىيىنىمىزنى تۆلەپ بېرىشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى توختاپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن يوليورۇق بىلەن كىنو قويۇشنى باشلىدۇق. ئۇلار شۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى جىددىي ھالەت 4-دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى. ھازىر پۈتۈن پۇقرالارنىڭ كوچىدا ماسقا تاقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كوچىغا چىقسىڭىز ھەممە يەردە ساقچى ۋە ئىجتىمائىي رايون خادىملىرىنى كۆرىسىز. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ماسكىسىنى تەكشۈرىدۇ. ماسكا تاقىمىغانلارنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلۈپ دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم ماسكا بىلەن يۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

بىز يەنە ئۈرۈمچى «خەلق تىياتىرى» ۋە «1-ماي» كىنوخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلارمۇ كىنوخانىلارنىڭ ئېچىلغانلىقى، لېكىن تۈزۈك تاماشىبىن يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«خەلق تىياتىرى» نىڭ نۆۋەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خەلق تىياتىرى» ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىنو قويۇلۇپ باقمىغان. ئۇ فىلىم شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىغۇ تېخى كىنو فىلىمى ئەۋەتىپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شۇڭا كىنو قويالمايۋاتقانلىقى، قاچان كىنو فىلىمى كەلسە بىلەت سېتىشنى باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق فىلىم شىركىتىگە قاراشلىق بولۇپ، ئۇلارغا كىنو فىلىمى ئەۋەتسە قويالايدىكەن. ئۇ، بەزى كىنوخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىنو فىلىمى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كىنو قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا خىتايدىكى باشقا ئۆلكە-شەھەرلەرگە قارىغاندا ئەڭ ئاخىرىدا كارانتىن تەدبىرى ئالغان شۇنداقلا كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئەڭ بالدۇر بىكار قىلغان رايوندۇر. بۇ جەرياندا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يۇقۇمغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى، مۇتەخەسسىسلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

ئۇلار كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشى شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانىڭ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىشى زور تەۋەككۈلچىلىك ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ياشانغانلارغا زور يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن دوكتور مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە يۇقۇمنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا دۆلەتلەر ئاساسلىق كۈچىنى يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا ئەمەس، ئۆلۈمنى ئازايتىشقا قاراتماقتىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىشتە تىببىئىي ئامىلنى ئەمەس، سىياسىي ئامىلنى كۆزدە تۇتقانلىقى، ئۇنىڭ پۇقرالاردا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو بازىرى. خىتاي كىنوچىلىقى يېقىنقى 10 يىلدا ئىزچىل راۋاجلىنىپ، 2019-يىلى ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى كىرىمى 64 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى كىرىمى يېقىنقى 10 يىلدا 10 ھەسسە ئارتقانىدى. لېكىن، خىتاي كىنوچىلىق بازىرى بۇ قېتىم ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا قاتتىق زەربە يېگەن. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ يىل 24-يانۋار كۈنى يەنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا خىتايدىكى بارلىق كىنوخانىلار بىردەك تاقالغانىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى پۈتۈن كىنوخانىلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاران 26 مىڭ يۈەنلىك بىلەت ساتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كىنوخانىلارنىڭ ئەھۋالى ئۇ ئۇچرىغان ئىقتىسادى زىياننىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى كۆرسىتىدىكەن.

تولۇق بەت