«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نى قوللاش سەپەرۋەرلىكى قوزغالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ لوگوسى.
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ لوگوسى.
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ چاقىرىقىنى قوللاش سادالىرى كۈچەيمەكتە.

ۋۇخەندىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا ئېغىر ئاپەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىمۇ زور بېسىملار پەيدا قىلماقتا. بۇ سەۋەبلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

مۇھاجىرەتتىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن جىددىي قۇرۇپ چىقىلغان «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» 31-مارت كۈنى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە ئۈندىگەن.

مۇراجىئەتنامىدە «دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىمىزغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ تۇل ئانىلار، يېتىم-يېسىر بالىلار، تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسى نىشان قىلىپ ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىمىز» دېيىلگەن ھەمدە «بىز خەلقىمىزگە شۇنى ۋەدە بېرىمىزكى، توپلانغان بۇ ياردەملەرنى ھېچقانداق يۇرت، رايون، كەسىپ، جىنس، پىكىر-چۈشەنچە، دوست، ئۇرۇق-تۇغقان دېگەندەك ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە قارىماستىن پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق كىملىكىنى ئاساس قىلىپ ھەقىقىي موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

1-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلى مىسىردىن يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە خالىسانە تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ ھىمايە قىلىش چاقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزغىن قوللاشقا ئېرىشكەن. بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەركەزگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىلەرنى قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىز 15 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «چوڭلار مەشرىپى» نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر جامائەت توپىنىڭ بۇ پائالىيەتكە دائىر ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلدۇق. بۇلار ئۆز تاراتقۇ توپلىرىدا بەس-بەستە ئىئانە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» توپلاۋاتقان بۇ ئىئانىلەر ئاساسەن تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ مەركەز جەمئىي 17 دۆلەتتە ۋاكالەتچى تۇرغۇزغان. ۋاكالەتچىلەر توپلانغان ئىئانىلەرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەركەزگە يەتكۈزۈپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەقسىم قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت