ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى كورونا ۋىرۇسى ئۇچۇرىنى يوشۇرغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا لايىھەسى تەييارلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن(سولدا) ۋە جوش خاۋلېي ئەپەندىلەر.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن(سولدا) ۋە جوش خاۋلېي ئەپەندىلەر.
wikipedia.org

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى كورونا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بۇرمىلىغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنى جازالاش لايىھەسىنى ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ دۇنيانى ئەجەللىك كېسەل-كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە قايمۇقتۇرغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىكەن.

بۇ قانۇن لايىھىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن ۋە جوش خاۋلېي قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قانۇن لايىھىسى كورونا ۋىرۇسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قەستەن بۇرمىلىغان ۋە يوشۇرغان چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىش، ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە كەلگۈسىدە ئامېرىكاغا ساياھەتكە كېلىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىز بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن ۋە جوش خاۋلىيلارنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. توم كوتىننىڭ ئىشخانىسىغا قىلىنغان تېلېفونىمىز پەقەت ئاپتوماتىك ئاۋاز ساندۇقىغىلا ئۇلاندى. ئاندىن بىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلىينىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. جوش خاۋلىينىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىدىن جەيكوب ئولىدورت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسى تېخى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولغاچقا رەسمىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت خەۋەردە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ھەققىدىلا مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئاپەت خاراكتېرلىك كېسەل-كورونا ۋىرۇسى تۇنجى بايقالغاندا ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى قەستەن يوشۇرغان ۋە بۇرمىلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىرغىچە ئامېرىكادا 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9000 دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىنمۇ بەك قورقۇنچلۇق،» دېدى.

ئامېرىكالىق تونۇلغان سىياسەت ئانالىزچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرغانلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكاغا كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ قانۇن بەك چوڭ قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى ناتايىن، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى. بۇ قانۇن لايىھەسى تېخى بىر باشلىنىش، بىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. ئىشىنىمەنكى، پارلامېنت ئەزالىرى خاۋلىي ۋە كوتىن كەلگۈسىدە يەنە مۇشۇ قانۇن لايىھەسىگە قوشۇمچە لايىھەلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.»

بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، › دەپ قارىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيىسى 180 گرادۇس ئۆزگەردى. بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ئىجرا بولسا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ناھايىتى زور تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلمىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «بېيجىڭ تەرەپ ۋىرۇس دەسلەپ بايقالغاندا ۋىرۇس ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان،» دېگەن قاراشنى رەت قىلغان.

«بىلۇمبېرگ» گېزىتى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ مەخپىي ئاخبارات دوكلاتىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىچىدە تارقىلىش دەرىجىسى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گوردون چاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلار 2019-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدىلا بۇ كېسەلنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقنى بىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تاكى 2020-يىلى 20-يانۋارغىچە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇردى. كېيىن بۇ ۋىرۇس خىتاينىڭ ئىچىگە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي دۇنيانى ‹مېيىپ› ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاينىڭ پەرۋاسىزلارچە قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ جازاسىنى دۇنيا خەلقى تارتىۋاتىدۇ. خىتاي چوقۇم بۇنىڭ جازاسىنى ئۆتۈشى كېرەك. نۇرغۇن كىشى مۇشۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىقتىسادى ۋەيران بولدى. بۇ ۋىرۇس دۇنيا خەلقىگە ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە زىيان سالدى. خىتاينى ئېغىر جازالىماي مۇنداقلا قويۇۋەتسەك بولمايدۇ. ئەگەر بۇ قېتىم جازالانمىسا، خىتاي ھەددىدىن بەك ئېشىپ كېتىدۇ. خىتاي چوقۇم جازالىنىشى كېرەك.»

تاجسىمان ۋىرۇس تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ، 200 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تېز سۈرئەتتە يامرىغان. ھازىرغىچە 1، 276، 302 كىشى بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 69، 527 گە يەتكەن. ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىلا ھازىرغىچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 337309، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9643 كە يەتكەن.

گوردون چاڭ يەنە خىتاينىڭ ئۆلگەن ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەر تېخى كېسەلدىن ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغاچقا ئىش ئورنىغا قايتالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ زاۋۇتلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇمۇ خىتاينىڭ ئالدامچىلىقلىرىنىڭ بىرى.»

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن قانچىلىك باغلىنىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بەك باغلىنىشى يوق. بىز شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى چوقۇم بىر تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان دۇنيادا كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر پاجىئەدۇر.»

ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «مەسىلە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. بۇ يۈزلىنىش مۇشۇ بىر قانۇن لايىھەسى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

لى ۋېنلياڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى 2-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئەمما كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت