ۋاڭ لىشۇڭنىڭ قەلىمىدىكى «شىنجاڭلىق خىتايلار» ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بېيجىڭدا ياشايدىغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ.
بېيجىڭدا ياشايدىغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ.
wikipedia.org

بېيجىڭدا ياشايدىغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭنىڭ 2019-يىل 11-ئايدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىلىرى» ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىسىنىڭ 7-قىسمى 27-ئاپرېل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خىتاي بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ مەزكۇر ساياھەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەپىرىدە پويىزدا ئۇچراتقان ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئەجدادى شەندۇڭدىن كەلگەن بىر خىتاي بىلەن بولغان قىسقا سۆھبەت ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆچمەن خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ «مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى» نى يورۇتۇپ بەرگەن.

ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خىتاي كىشى ئاۋۋال قەشقەردە ئۇزۇن يىل ساقچى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىپ، يۇرتى شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆي سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما شەندۇڭغا كۆنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنىلا بالىلىرى ئىشلەۋاتقان شىنجاڭغا قايتىپ، تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلىدۇ.

ۋاڭ لىشۇڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەزكۇر سابىق خىتاي ساقچىسىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش ھەققىدىكى بايانلىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك مىللەت-ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن كۆرۈشتەك مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

ۋاڭ لىشۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سابىق ساقچى ماڭا قەشقەردە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا دېيىلگەندەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈنلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كونا ئۇيغۇر مەھەللىلىرى سىرلىق ئوردىلاردەك بولغىنى ئۈچۈن، ۋەقە سادىر قىلىپ بۇ مەھەللىلەرگە مۆكۈنۈۋالغان ئۇيغۇرلارنى 10 مىڭ ساقچى بولغان ھالەتتىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. ئۇيغۇرلار بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بولسا، ۋەقە چىقىشى ھامان بىنالار قامال قىلىنسا، بىرمۇ كىشى قېچىپ كېتەلمەيدىكەن».

قەشقەردە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن مەزكۇر خىتاي يەنە ۋاڭ لىشۇڭغا ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بىلەن ئەيىبلەپ بەرگەن. ئۇ ئۆزى ساقچى بولغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللىرى ئېرى بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇش پوزىتسىيەسىدىن شىكايەت قىلغان.

ۋاڭ لىشۇڭنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر سابىق خىتاي ساقچىسى يەنە ۋاڭ لىشۇڭغا خىتايلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ھېكايىلەرنى ئاجايىپ زوق ئىچىدە بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بوۋىسىنىڭ گومىنداڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمران بولغان شېڭ شىسەينىڭ قول ئاستىدا كوماندىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكىدىن ماختىنىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغان خىتاي مۇستەبىتلىرىدىن شېڭ شىسەينى ۋە خىتاي كومپارتىيە دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا نامى چىققان ۋاڭ جېنىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «قەھرىمانلىق» دەپ مەدھىيەلەيدۇ.

ۋاڭ لىشۇڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىدە ئورتاق بولغان مۇستەملىكىچىلىك خاھىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇلار گەرچە رىۋايەت تۈسىدىكى ھېكايىلەر بولسىمۇ، ئەمما يەرلىكتىكى خىتايلار بۇ خىل ھېكايىلەرنى ئاجايىپ زوق ئىچىدە ھۇزۇرلىنىپ سۆزلەيدۇ. بۇ سابىق ساقچى يەنە مەيلى شىنجاڭدا نېمە ئىش چىقمىسۇن، ئەگەر ۋاڭ جېندەك كىشىلەر بولسىلا باستۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ. دېدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ قەلبىدە مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدىكى شېڭ شىسەي بولسۇن ۋە ياكى كومپارتىيە دەۋرىدىكى ۋاڭ جىن بولسۇن، پەقەت ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرسىلا ئۇنىڭ نەزىرىدە قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ،» دەيدۇ.

كانادادىكى خىتاي پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لىشوڭنىڭ بۇ يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغان خىتايلاردىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شېڭ شۆ خانىم ۋاڭ لىشوڭنىڭ يازمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايلاردىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك خاھىشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايلاردىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىپادىلىنىدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ خىل ھۆكۈمرانلىقنى قوللايدىغان، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ خىل خاھىش ئىنتايىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە ئورناپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار تەبىئىي ھالدىلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھۆكۈمرانلىق نۇقتىسىدىن قارايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار مەسىلىلەرگە بىر ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن قاراشقا ئادەتلەنمىگەن ھەتتا بىلمەيدۇ. ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن، ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن، دېموكراتىيە نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە باھا بەرمەيدۇ».

شېڭ شۆ خانىم يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدىلا ئەمەس بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك خاھىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنداق بولۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىدىن باشقا، يەنە خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ۋە ھۆكۈمرانلىققا قۇللارچە بويسۇنۇش ئىدېئولوگىيەسىنىڭمۇ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ لىشوڭنىڭ «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىلىرى» ناملىق يازمىسى ھەققىدە توختالغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قىسىم سەرلەرگە ھەر ۋاقىت خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رېشىت ئەپەندى يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىدە مەزكۇر «بېسىۋېلىنغان زېمىندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە مۇستەملىكىلىك ئىدىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، خىتايلاردا ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش خاھىشىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە ئورناپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن گوللاندىيەگە كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلىش جەريانلىرىدا ھېس قىلغانلىرى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىشلىرى ھەم چۈشەنگەنلىرى بويىچە قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتايلاردا ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش خاھىشى كۈچلۈك مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتايلاردىمۇ بۇ خىل خاھىش ئېغىر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت