ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى «قىزىل ناتىسىزىم» غا قارشى «ئىنسانلار زەنجىرى» بىلەن قورشالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىخانىسى 29-سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلاردىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ۋەكىلنىڭ قورشاۋىدا قالدى. ئەلچىخانا ئالدىدىكى يۈزلىگەن ئىشتىراكچىلارنىڭ ئەتراپىدا تولۇق قوراللانغان ئون نەچچە ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى، تۈرلۈك شەكىلدىكى سانجاق-سانجاق بايراقلار قاتارىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرۇشى، مەيداندىكى ئون نەچچە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەس-بەستە ئوخشىمىغان شەخسلەرنى زىيارەت قىلىپ فىلىمغا ئېلىشلىرى دېگەنلەر بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىر قېتىملىق ئادەتتىكى يىغىلىش ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بېرەتتى.

دەرۋەقە، بۇ قېتىمقى يىغىلىش ئامېرىكادىكى پۇقراۋىي تەشكىلاتلاردىن بولغان «پۇقرالار كۈچى»، «دىنىي زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى»، «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «چېن گۇاڭچېڭ فوندى» قاتارلىق يىگىرمە نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي ئەلچىخانىسىنى ئىنسانلار زەنجىرى بىلەن قورشايلى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى يىغىلىش ئىدى. يىغىلىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قوللىرىدىكى پىلاكاتلارغا يېزىلغان «خوڭكوڭ، بىز سەن بىلەن بىللە»، «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختات!»، «قىزىل خىتاي ئەمەلىيەتتە قىزىل ناتسىزىمدۇر»، «شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەندەك ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە خەتلەر بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى قىسمەن بولسىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى.

پائالىيەت باشلانغاندا ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۆز بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە مەيدانغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى ۋە نۇتۇقلارنى سۆزلىدى.

پائالىيەت باشلانغاندا «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى ئالدى بىلەن سۆز ئالدى: «بىزنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز شۇنىڭغا شاھىت بولماقتىمىزكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن 70 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ماھىيەتتە قىزىل رەڭلىك ناتسىزىمنىڭ داۋام قىلىشى بولدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ بۈگۈنكى پائالىيەت ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بايراققا ئوغاق-بولقىنى ئورىغان يۇلتۇزلار ئارقىلىق گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ سۋاستىكا بەلگىسى چۈشۈرۈلدى، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى مۇشۇنداق يېڭىچە لايىھەلەندى. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ‹خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناتسىزىم› باسقۇچىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر زور ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى. شۇڭا بۈگۈن خىتاينىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ‹ئادەم زەنجىرى› بىلەن قورشالدى. بىز بۇ ئارقىلىق خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز. تىبەتلەرگە ئەركىنلىك! شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!»

ئارقىدىن تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇبەيرە شەمسىدىن قاتارلىق بىر قىسىم ۋەكىللەر قاتارىدا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شانلىق 70 يىل» تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ بۇ 70 يىللىق تارىختا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىليونلىغان كىشىنى ئۇنتۇماسلىقىنى، شۇلار قاتارىدا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زۇلۇمنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرغا قامالدى، ئەمدى بۇ ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ ئاخىرقى پەيتى يېتىپ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ «خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى!»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ياشىسۇن!» دەپ شوئار توۋلىدى.

ئارىلىقتا بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زۇبەيرە شەمسىدىندىن بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىلىق مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىر قېتىملىق ھەمكارلىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، دېموكراتىيەنى چەكلەش، دىكتاتورىلىقنى كېڭەيتىش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شىكايەت قىلدى.

بىر قاتار نۇتۇقلاردىن كېيىن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە ئىشتىراكچىلار ھالقا بولۇپ، يەرگە تاشلانغان «قىزىل ناتسىزىم» بايرىقىنى بىر-بىرلەپ دەسسەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى دەسسەپ-چەيلەشتەك ئارزۇسى ۋە غەزىۋىنى ئىپادىلىدى.

بىز شۇ قاتاردا ئايالىنىڭ ياردىمى بىلەن بايراقنى دەسسەپ ئۆتكەن ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن قانداق ساۋاقلارنى ئېلىش مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا دۈشمەننى تونۇشنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«بىز ئالىدىغان بىر چوڭ ساۋاق شۇكى، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش بەك مۇھىم. بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالمىغاندا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىغان گەپ. مەسىلەن، خىتاي خەلقى بارلىق ئۇيغۇرلارنى بىر چوڭ مەسىلە، دەپ قارىسا ياكى بولمىسا ئۇيغۇرلار ‹پۈتكۈل خىتاي مىللىتى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز› دەپ قارىسا بۇ قاراشلار ئوڭايلا بىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. بۇ ئىدىيەۋى جەھەتتىكى بىر زور خاتالىق بولۇپ، مەسىلىنىڭ نەق يىلتىزىنى تۇتالمىغانلىق بولىدۇ. بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىمكى، ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىكتاتورا ھاكىمىيىتى بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بارلىق مىللىي زىددىيەتلەر، قىرغىنچىلىقلار بىردەك خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت مۇشۇ قەبىھ ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىككە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. شۇڭا بىز مۇشۇ ئەشەددىي ئورتاق دۈشمەننى يوقاتقان ۋاقتىمىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىنلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى مىللەتلەر، مەيلى خىتايلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن سەۋەبنى بىر مىللەتتىن ئەمەس، بەلكى دىكتاتورا خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئورتاق مەنبەدىن ئىزلىشى لازىم.»

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېقىندىن كۈچ چىقارغان ئىدى. شۇلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل بىرلەشمە ھەرىكەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ خىل پىكىرگە مايىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى بىلەن سۆزلەشتۇق. بىز ئۇنىڭدىن بۇ پائالىيەتنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئىشلىمەيدىغان ھەپتە ئاخىرىغا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇنىڭدا بىرنەچچە سەۋەب بارلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى:

«بۈگۈنكىسى بۇ بىر يەر شارى خاراكتېرلىك پائالىيەت. 29-سېنتەبىر كۈنى ھوقۇق مەركەزچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە خوڭكوڭنى قوللاش مەزمۇنىدىكى بۇ پائالىيىتىمىز يالغۇز ۋاشىنگتون شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى 50 نەچچە شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ كۈننى تاللىشىمىزدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت قۇرغان خاتىرە كۈننى تەبرىكلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش، يەنە بىرى، بۈگۈن يەكشەنبە بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئاسانراق يىغىلالايدۇ. بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز ئاۋازىمىزنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش ھەمدە ئۇلارغا خىتاينىڭ ئەلچىخانىسىنى بىزنىڭ ئادەملەر زەنجىرى بىلەن قورشىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇش. ئىشىنىمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سادالارنى ئاللىقاچان ئاڭلاپ بولدى. شۇڭا بۈگۈن ئەلچىخانىنىڭ ئوچۇق ياكى تاقاقلىق بولۇشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بىز بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىچە شەكىلدە ناتسىزىم ۋە فاشىزىم يولىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا پاش قىلىۋاتىمىز. نېمىشقا دېسىڭىز ئەينى ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيەسى قىلغان بىر چوڭ ئىش ئۇلارنىڭ مىليونلىغان يەھۇدىينى لاگېرلارغا قامىشى ئىدى. ھازىر شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ بولدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ناھايىتى روشەن بولغان خىتايچە ناتسىزىم شەكلىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز مۇشۇ بايراق ئارقىلىق دۇنياغا خىتاينىڭ ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قىزىل ناتسىزىمغا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتىمىز.»

ئاخىرىدا پائالىيەتچىلەر بىرلىكتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن، ئەمما ئۆلۈم لېنتىلىرى ئېسىلغان چوڭ ماتەم گۈلچەمبىرىكىنى قولمۇ-قول كۆتۈرۈپ، ئەلچىخانا ئالدىغا تىكلەپ قويدى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ھالاكىتىنى ئالدىن تەبرىكلىمەكتە ئىدى.

تولۇق بەت