ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە نامايىشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۇنىشىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ دائىملىق ئادەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بۇ 2020-يىلىدىكى 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزگىچە بولغان زور كۆلەملىك نامايىش ئارقىلىق كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تىبەتلەر، موڭغۇللار، خىتايلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھەرقايسى پۇقراۋىي تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك «پۇقرالار كۈچى»، «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا «خىتاي كومپارتىيەسىگە دۇنياۋىي مىقياستا قارشى تۇرايلى» تېمىسىدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى كەڭ مەيدان ئەتىگەندىلا نەچچە يۈز كىشىنىڭ قوللىرىدىكى سانجاق-سانجاق بايراقلار بىلەن تولغان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»مۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. نامايىشچىلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋاشىنگتون شەھرىگە ئانچە يىراق بولمىغان ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلاند شىتاتلىرىدىن كەلگەنلەر بولسا، يەنە بەزىلەر نەچچە سائەتلەپ ماشىنا ھەيدەپ باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىدى. قاتىرىسىغا تىزىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلار قوشۇنىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق يىغىلىش ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى.

ئالدى بىلەن پايتەخت تىبەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېنزىن بارشې سۆزگە چىقىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ چۇقانلىرىنى يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تەڭلا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى دۇنياۋىي بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگىرغا قاماش ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تىبەت ۋە موڭغۇللارغا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئاشكارا ۋە يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاسمىلاتسىيە تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ سۆزگە چىقتى.  ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى كۈننىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئۈچۈن ئوخشاشلا بىر ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىغا ئەگىشىپ بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي بولماسلىقىنىڭ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن بىر جىنايەت بولۇپ قالغانلىقىنى، مانا ئەمدىلىكتە بولسا بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنىڭ ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىرغىنچىلىق تەدبىرلىرىگە باھانە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان لاگىر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسى باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ يوقىتىش تەدبىرلىرىگە ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ شاھىد بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنيا بويىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار، خىتاي دېموكراتلىرى قاتارلىق ھەر ساھەگە مەنسۇپ تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە بولغان ساھەدە قانداق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر بايان قىلدى. بولۇپمۇ «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي، «جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ رەئىسى ئېنگى باتۇر، «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»نىڭ ۋەكىلى كرىستيان ئونېيل،  «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ رەئىسى تېنزىن يۇرتۇن قاتارلىقلار ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەركەتلىرىنى جانلىق مىساللار بىلەن بايان قىلدى. شۇ جەرياندا بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشنى تەشكىللەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە قىسقىچە  مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بۇنى يېتەرلىك، دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەشكىللەش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلارنىڭ خادىملىرىمۇ بار ئىدى. شۇلاردىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئاۋازغا قويۇلۇش خىزمىتىگە يېقىندىن ئىشتىراك قىلىۋاتقان توم سۇئازىيمۇ سۆزگە چىقىپ، زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان شۇنچە كۆپ خەلقنىڭ بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئورتاق ئارزۇ ۋە ئىرادە بىلەن يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوقىتىش، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا بارلىق مىللىي ئالاھدىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشىنىڭ ئاللىقاچان دۇنياغا كېڭيىيۋاتقان بىر يۈزلىنىشكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ياكى موڭغۇللار ۋە ياكى خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈنمۇ تەھدىت ۋە خەتەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي باي بولسا دېموكراتىيەگە ئۆتىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئاخىرقى ھېساپتا تونۇپ يەتكەنلىكىنى  ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئارقىدىنلا سۆزگە چىققان روشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولغان «سىياسىي دىراما» كۆرۈنۈشىدە جانلىق ئەكس ئەتتى.  بۇنىڭدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن يۈز كىشى لاگىر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەھبۇسلۇق كىيىمىگە تەقلىد قىلىنغان كىيىملەر بىلەن پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كورلا پويېز ئىستانسىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىگە يۆتكىلىش مەنزىرىسىنى جانلىق ئويناپ چىقتى. ھەقىقى لاگىر تۇتقۇنلىرىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىيىملىرىگە تەقلىد قىلىنغان فورمىدا كىيىنگەن «ساقچى»لارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى، چەتئەلگە چىققانلىقى، چەتئەل بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «دوختۇرخانا»لاردا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلاش دېگەندەك كۆرۈنۈشلەر نامايىش ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى نەق مەيداندا بەكمۇ روشەن ئىپادىلەپ بەردى. شۇ قاتاردا تولىمۇ قايغۇلۇق ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئىچىدە كىچىككىنە ئۇيغۇر قىزىنىڭ «دادا!»، «ئاپا!» دەپ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدىشى، «خىتاي ساقچى»نىڭ ئۇنى قوپاللىق بىلەن «بالىلار لاگىرى»غا ئېلىپ كېتىشى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان سانسىز ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەسىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا نامايەن قىلىپ، بارلىق نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. نۇرغۇنلىغان كۆزلەردىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەلفىدا ئىلتەبىرنىڭ بىلدۈرىشىچە،  بۇ قېىمقى نامايىش ئۈچۈن ئۇلار بىرنەچچە ئاي تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭدەك  «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ھەر ساھە كىشىلىرىگە جانلىق كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق «سىياسىي دىراما» كۆرۈنۈشىگە لازىملىق يۈز يۈرۈش كىيىم-كېچەكنى مەخسۇس بۇيرۇتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرىكتورى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۆتكەن يىللاردىكى «1-ئۆكتەبىر خىتايغا قارشى نامايىش»لىرىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە بىر قېتىملىق سىياسىي پائالىيەت ئىكەن. بولۇپمۇ بىر-بىرىدىن شۇنچە پەرقلىق بولغان كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەن» گە قارشى بىر مەيدانغا جەم بولۇشى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

نامايىش جەريانىدا «جەنۇبىي موڭغۇلىيە» نامىدىكى بىر قىسىم موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. بىز مىكروفوننى ئۇلارغا سۇنۇپ ئۇلارنى بۇ مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن سەۋەبلەرنى سورىغىنىمىزدا كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان موڭغۇل ۋەكىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا نۆۋەتتىكى ئورتاق زۇلۇمنىڭ ھەممە كىشىنى بىر مەيدانغا توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا ھەرقايسى ۋەكىللەر سۆز قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى يۈزلىگەن كىشىنىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!»، «تىبەتكە ئەركىنلىك!»، «جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە ئەركىنلىك!» دېگەن مەزمۇندىكى شوئارلىرى مەيدان ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت