پېتىر ناۋارو: تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسىغا قارشى دورا ياسىلىش ئالدىدا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو.
ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو.
Social Media

ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو خىتايدا كەڭ تارقىلىپ دۇنياۋى تەھدىت ياراتقان تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسىغا قارشى دورىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ياسىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن فوكۇس سودا قانىلىغا بەرگەن سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقساراي نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئىشلەشنى جىددىي رەۋىشتە تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولۇپ، دورىنى سىناق قىلىش ۋە ياساش ئىشلىرى فېۋرالنىڭ ئاخىرى ياكى مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىكەن.

تاجسىمان ۋىرۇس دۇنيا بويىچە 69 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يۇققان، خىتايدا ئەڭ ئاز دېگەندە 1600 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مەزگىلدە بۇنداق بىر دورىنىڭ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىر ئۈمىدتىن دېرەك بېرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، ئامېرىكادىكى 5 چوڭ شىركەت كېلەر يىلى نويابىرغىچە 150 مىليون كىشىلىك ۋاكسىنا تەييارلاش ئۈچۈن جىددىي ئىشقا كىرىشكەن. ئەمما ئۇ، بۇ ئەمگەكنىڭ زور تىرىشچانلىق ۋە تەتقىقات تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

ئۇ، ئامېرىكىدىكى «گىلېد» شىركىتى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ياساپ چىققان «رېمدېسىۋىر» ناملىق بىر دورىدا ئۈمىد زور بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنى دەرھال كلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، مەزكۇر ۋىرۇس شىددەت بىلەن تارقىلىپ ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ دورىنى كلىنىكىلىق سىناق قىلىش ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولمىغان. 

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقىچە يول تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى قىلالىساق، بىز كىشىلەرنى داۋالىيالايدىغان بۇ دورىنى ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتەلەيمىز.»

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا 18 توننا سەھىيە ماددىي ئەشياسى ئەۋەتكەندىن باشقا 100 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن. 

ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. ھەتتا بەزى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ «ئامېرىكا ياردەم بەرمىدى» دەپ يالغان ئېيتىپ، ئامېرىكىنى ئۆز خەلقىگە يامان كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت