خىتايدا يەنە ئىككى دوختۇر كورونا ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
20-فېۋرال كورونا ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغان 29 ياشلىق دوختۇر پەن يىنخۇا (سولدا). ۋۇخەن.
20-فېۋرال كورونا ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغان 29 ياشلىق دوختۇر پەن يىنخۇا (سولدا). ۋۇخەن.
Social Media

يەكشەنبە كۈنى خىتايدا يەنە ئىككى نەپەر دوختۇر كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مەزكۇر دوختۇرلار ئىلگىرى خىزمەت قىلغان سەھىيە ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋىرۇستا ھاياتىدىن ئايرىلغان دوختۇرلارنىڭ سانى بۇ ھەپتە ئىچىدىلا 4 كە يەتكەن.

دوختۇرخانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر ۋىرۇستا قازا قىلغان دوختۇرلارنىڭ بىرى بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن شىيا سىسى ئىسىملىك ھەزىم كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىكەن. ئۇ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاش جەريانىدا ئۆزىمۇ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن. ئۇ 29-يانۋاردىن باشلاپ داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئاخىرى داۋالاش ئۇنۇم بەرمىگەن.

قازا قىلغۇچىنىڭ يەنە بىرى بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ۋاڭ ۋەنجۈن ئىسىملىك دوختۇر بولۇپ، ئۇمۇ يەكشەنبە كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياۋگەن شەھىرىدە ۋاپات بولغان. شياۋگەن مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئۇ مەزكۇر دوختۇرخانا قارمىقىدىكى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن پەن يىنخۇا ئىسىملىك يەنە بىر دوختۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنى قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ۋۇخەن شەھىرى جياڭشيا رايونىدىكى يۇقۇمدارلارنى داۋالاش جەريانىدا يۇقۇملانغان ۋە 25-يانۋاردا ياتاققا ئېلىنغان ئىكەن. 

ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋۇخەن دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى دوختۇر ليۇ جىمىڭ پەيشەنبە كۈنى قازا قىلغان. ئۇ، بۇ يىل 51-ياشتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇندىلىرىنى داۋالاش جەريانىدا ئۆزىمۇ بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملانغان سەھىيە خادىملىرىنىڭ 1700 دىن ئاشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 

ئەمما، بۇلارنىڭ كېسەللىك ۋەزىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى نائېنىق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت