كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى باشقا ئەللەردە كۆپىيىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
Social Media

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقىلىپ دۇنياغا تارالغان تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى، ياكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم سانى خىتايدا تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدارلار باشقا ئەللەردە كۆپىيىشكە باشلىغان.

يۇقۇمدارلار جەنۇبىي كورېيە، ئىران ۋە ئىتالىيەدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارتقان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنىگىچە جەنۇبىي كورېيەدە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 600 گە يەتكەن. جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جا ئىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بەزى شەھەرلەرنى تاقاپ، ساياھەتكە چەكلىمە قويۇش ھوقۇقى بەرگەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئىران ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدە بۇ ۋىرۇستا قازا قىلغان ئادەم سانىنىڭ 8 گە يەتكەنلىكى، ئىراننىڭ ھەممە ئۆلكىسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

تۈركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىرانغا كىرىپ-چىقىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان، ئافغانىستان ئىرانغا قارىتىلغان ساياھەتكە چەكلىمە قويغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيەدە يەكشەنبە كۈنىلا 89 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقىلىپ، ئىتالىيەدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 132 گە يەتكەن. ئىتالىيە پارلامېنتى شەنبە كۈنى كەچ بىر قارار ماقۇللاپ، ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئەڭ كۆپ بايقالغان لومباردي رايونىنى كارانتىن ئاستىغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ۋېنىتسىيە ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى كۈنلۈك شاتلىق بايرىمى (كارنىۋال) بىكار قىلىنغان. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بويىچە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 76 مىڭ 936 گە، ئۆلگەنلەر سانى 2 مىڭ 442 گە يەتكەن. 

ھالبۇكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو 21-فېۋرال كۈنى تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، خىتايدا كورونا ۋىرۇسنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت