خىتايدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلىشى خەلقئارادا دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرىمان
2020-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
Social Media

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېز كېڭىيىۋاتقانلىقى، يۇقۇملانغان، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان پەيتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، خىتايدا يۇقۇملىنىشنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋەر قېلىنىشى ھەر قايسى مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

NBC 25-فېۋرال، خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 77 مىڭ 600، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 2663 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەۋەر تورىمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 77مىڭ 658، ئۆلگەنلەرنىڭ 2663، دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققانلارنىڭ سانىنىڭ 27مىڭ 323 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا. 

ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرە ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 21-فېۋرال كۈنى تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، خىتايدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ۋىرۇسنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان پەيتتە، رويتېرىس ئاگېنتلىقى ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تىز سۈرئەتتە يامراۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ ۋىرۇسنى ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كونترول قىلغىلى بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنى ساختا مەلۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، خەلقنىڭ رازىمەنلىكىنى سۈنئىي يول بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھازىرقى تەھدىتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنى مەن مەسىلىنى كىچىك كۆرسىتىش ئارقىلىق، سىياسىي جەھەتتىن دەز كېتىدىغان ياكى كەتكەن چاكنىڭ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرۈلۈۋاتقان تەدبىرلەر، دەپ قارايمەن. شى جىنپىڭنىڭ كېلەچىكى، كومپارتىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە مۇقىملىق، دۆلەت سىرتىدا دۇنيا سەھنىسىگە يامىشىپ چىقىش بۇلار ئۈچۈن بەك مۇھىم، شۇڭا ئىچكى-تاشقى ئامىللارنى قايرىپ قويۇپ ساختىلىق قىلىدىغان يەردە ساختىلىق قىلىدۇ، ئېتىراپ قىلمايدىغان يەردە ئېتىراپ قىلمايدۇ، خۇددى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلمىغانغا ئوخشاش».

خىتاينىڭ تور بېكەتلىرىدە ۋىرۇسنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، ھەتتا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتقانلىقى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئورۇن ئالماقتا. 

رويتېرس ئاگېنتلىقى 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ۋىرۇسنىڭ 29 دۆلەتكە تارقالغانلىقى، خىتاينىڭ سىرتىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان دۆلەتنىڭ جەنۇبى كورېيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، جەنۇبى كورېيەدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 231، ئومۇمى سان 833 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىتالىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 150 كە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 6 گە يەتكەن ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گىيۇتېرىس، دۇنيانىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىپ، ئەگەر بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا دۇنياغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

بۇنىڭ ئەكسىچە 24-فېۋرال خىتاي خەۋەر تورى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ھەتتا پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاينىڭ CGTN تورى 24-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى ئەلىجان ئانايەتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋەلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 76 نەپەردىن ئاشمىغانلىقى، ھەتتا 24 نەپەر كىشىنىڭ داۋالاپ ساقايتىلغانلىقىنى، تۆت كۈندىن بىرى يېڭى بىر كېسەل بايقالمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى رادىئومىز 17-فېۋرال خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاتۇش شەھىرىدىكى مېھمانخانىدىلا ۋۇخەندىن كەلگەن 99 كىشىنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 

خىتاي ئىزچىل ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېر ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ پەيتتە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى كارانتىنغا ئېلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە تېز يۇقىدىغانلىقى ۋە بەدىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، تازىلىقى، يېمەكلىك شارائىتى ناچار، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى؛ «لاگېردىكىلەر ھەققىدە بىر نېمە دېيىش تېخىمۇ قىيىن. ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، بەدەندە كېسەلگە قارشى كۈچ ھاسىل بولغۇچە ياشىيالمايدۇ».

دوختۇر مەمەت ئىمىن يەنە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دىئاگنوز قويۇلماستىن ئۇدۇللا كۆيدۈرىۋېتىلىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

كورونا ۋىرۇسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنساندىن ئىنسانغا نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقىدىغان بولۇپ، يۆتىلىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئادەتتە كېسەلنى ئىككى كۈندىن 14 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بايقىغىلى بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت