خىتاي ئاخباراتلىرى كورونا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي «خەلق» تورىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن ياتاققا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ ساقىيىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى. 2020-يىلى 1-مارت.
خىتاي «خەلق» تورىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن ياتاققا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ ساقىيىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى. 2020-يىلى 1-مارت.
Photo: RFA

كورونا ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلىۋاتقانلار ھەر قايسى ئەللەردە كۆرۈلۈۋاتقان پەيتلەردە، خىتاينىڭ يەرلىك ئاخباراتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى رايون تەۋەسىدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ياتاققا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ ساقىيىپ چىقىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي «خەلق» تورىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 29-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 0 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە بىرمۇ يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغان. 

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار سانى 10 غا يەتكەن. بۇلارنىڭ بىر نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 6 نەپىرى ئىلىدا، 3 نەپىرى بىڭتۇەنگە تەۋە رايونلاردا ئىكەن.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا كورونا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ھازىرغىچە ياتاققا ئېلىنغانلار جەمئىي 76 نەپەر ئىكەن.

يەكشەنبە كۈندىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونى بويىچە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلار 3 مىڭ 432 نەپەر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا رايون مىقياسىدا ھازىرغا كەلگۈچە جەمئىي 62 يۇقۇمدار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 

ھالبۇكى، «تەڭرىتاغ» تورى 17-فېۋرالدىكى بىر خەۋىرىدە يۇقۇملىنىش گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەر سانى 5 مىڭ 245 نەپەر، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دائىرىلەر ئۆتكەن 10 نەچچە كۈندىن بۇيان يۇقۇم گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى خەۋەر قىلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، بۇ ساننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر دىنلا 2 مىڭغا يېقىن كېمىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار قەشقەر، خوتەن ۋە ئاتۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بايقالمىغان. 

بۇ ۋىرۇس ئىران، ئىتالىيە، ۋە ھەتتا مېدىتسىناسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىمۇ بەزى يۇقۇمدارلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان شارائىتتا خىتاينىڭ قايسى خىل ئۇسۇللار بىلەن شۇنچە كۆپ ئادەمنى داۋالاپ ساقايتىۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

شەنبە كۈنى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە تايلاند قاتارلىق ئەللەردە ئاز دېگەندە بىردىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

يەكشەنبە كۈنى يەنە پەقەت ئىتالىيەدىلا 8 ئادەم بۇ ۋىرۇستا قازا قىلغان ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 34 كە يەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت