تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 107 مىڭ 200 دىن ئاشتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8 مارت ئېلان قىلغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن گرافىك. 2020-يىلى 8-مارت.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8 مارت ئېلان قىلغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن گرافىك. 2020-يىلى 8-مارت.
who.int

كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى دۇنيا بويىچە 107 مىڭ 200 دىن، بۇ ۋىرۇستا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3500 دىن ئاشتى.

بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدا بولۇپ، خىتاي ئېلان قىلغان سان بويىچە ئومۇمى يۇقۇمدار سانى خىتايدا 80 مىڭ 600 نەپەر. خىتايدىن باشقا، جەنۇبىي كورېيە، ئىران، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر. 

8-مارتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئامېرىكىدىمۇ بىر قەدەر تىز كۆپەيمەكتە. 

ئامېرىكىدا يەكشەنبىگە قەدەر دەللەنگەن يۇقۇمدار سانى 470 كە، قازا قىلغۇچىلار سانى 19 غا يەتتى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار 30 دىن ئارتۇق شتاتتا بايقالدى.

نيۇ-يورك شتاتى، ۋاشىنگتون شتاتى، ئورېگون شتاتى ۋە كالىفورنىيە شتاتلىرى جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايوندا 2 نەپەر، ۋىرىگىنىيە شتاتىدا ئىككى نەپەر، ماريلاند شتاتىدا 3 نەپەر بايقالغان.

بىر نەچچە كۈنى ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ۋىرۇس ياراتقۇسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ۋە 8 مىليارد دوللار مەبلەغ تەييارلىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس 3-مارتتىكى باياناتىدا، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 1. 5 مىليون كىشىلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى ھازىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ئايدا، ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسىغا قارشى دورىنىڭ فېۋرالنىڭ ئاخىرى ياكى مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت