خىتايدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى كۆزىتىلىۋاتقان بىنا قازاسىدا 10 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 10 ئادەم ئۆلگەن، تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان «شىنجيا» مېھمانخانىسى. 2020-يىلى 7-مارت. چۇەنجۇ، فۇجىيەن.
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 10 ئادەم ئۆلگەن، تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان «شىنجيا» مېھمانخانىسى. 2020-يىلى 7-مارت. چۇەنجۇ، فۇجىيەن.
Social Media

شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن فۇجىيەن ئۆلكىسىدىكى تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 10 ئادەم ئۆلگەن.

ھادىسە چۈەنجۇ شەرھىرىگە جايلاشقان «شىنجيا» مېھمانخانىسىدا يۈز بەرگەن. خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، بۇ مېھمانخانا 2013-يىلى سېلىنغان بىر 7 قەۋەتلىك بىنادىن 2018-يىلى ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئىكەن. 

تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن دائىرىلەر مەزكۇر مېھمانخانىنى يۇقۇم گۇماندارلىرى كۆزىتىلىدىغان رايون قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىكەن. 

خىتاي جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىنا ئۆرۈلگەندىن كېيىن 72 ئادەم بىنا ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان، 48 ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بولسىمۇ، قالغان 23 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. 

دائىرىلەر كۆپلىگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكەنلەردىن پايدىلىنىپ بىنادا ھايات قالغانلار بار-يوقلىغىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ھازىرچە بۇ 23 ئادەمنىڭ يەنە قانچىسىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى نامەلۇم. 

فۇجىيەننىڭ چۈەنجۇ شەھىرى كورونا ۋىرۇسى ئەڭ ئېغىر تارقالغان ۋۇخەن شەھىرىدىن 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ شەھەردە قانچىلىك ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، قانچىلىك ئادەمنىڭ يۇقۇم گۇمانى بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت