كورۇنا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا جىددىي چارىلەر كۆرۈلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستاننىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر باش دوختۇرى ژانداربېك بېكشىن.
قازاقىستاننىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر باش دوختۇرى ژانداربېك بېكشىن.
Social Media

يېقىندا قازاقىستاننىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر دوختۇرى ژانداربېك بېكشىننىڭ 11-16-مارت كۈنلىرى ئارىلىقىدا قازاقىستاندا كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى قازاقىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەملىكەتنىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش مىنىستىرلىقى بىر قاتار مەخسۇس چارىلەرنى قوللىنىشنى ۋەدە قىلغانىدى. دۇنيانىڭ بىر قانچە مەملىكەتلىرىدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قازاقىستانلىقلارنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئۈچ كۈندىن بۇيان، مەسىلەن، ئالمۇتا شەھەرلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان سودا مەركەزلىرىدە ئاھالىنىڭ كۆپلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىش، بۇ جەھەتتە باھالارنىڭ ئۆسۈش ھادىسىلىرى ئورۇن ئالغان.

قازاقىستان دائىرىلىرى ئاھالىنى تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە بېرىلمەسلىككە چاقىرماقتا. «قازاقىستان زاكون» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئالمۇتىلىقلارنى پاراكەندە بولماسلىققا چاقىردى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە ئالمۇتا شەھىرىدە كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئېنىقلانمىغان ئىكەن. شۇنداقلا باشقا مەملىكەتلەردىن كېلىۋاتقان يولۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش چارىلىرى كۆرۈلۈپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت مەخسۇس خىراجەت ئاجراتماقتا. تەكشۈرۈشتە 497 ئادەم بولۇپ، ئۇلاردا بۇ ۋىرۇس بەلگىلىرى بۈگۈنگىچە تېپىلمىغان. 

«قازاقىستان تېلېگراف ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان «ئوزۇق-تۈلۈك باھالىرىنىڭ ئاساسسىز كۆتۈرۈلۈشىدە قازاقىستان تىجارەتچىلىرىنى جەرىمانە سېلىش بىلەن قورقۇتتى» دېگەن ماقالىدە دېيىلىشىچە، مەملىكەتنىڭ سودا مىنىستىرلىقى 13-مارت كۈنى بارلىق تىجارەتچىلەرنى ئوزۇق-تۈلۈك باھالىرىنى سەۋەبسىز كۆتۈرمەسلىككە، ئاھالىنى بولسا ۋەھىمىلىك بېرىلمەسلىككە چاقىرغان. 

ئىگىلىشىمىزچە، كورۇنا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ دىنىي ئىشلار باشقارمىسى، بىلىم مىنىستىرلىقى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە باشقىلار مەخسۇس ئۇقتۇرۇشلار چىقارغان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندى كورۇنا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز قازاقىستاندا باش مىنىستىرنىڭ ئورۇنباسارى 16-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى توختىتىش پەرمانىنى چىقاردى. بىزمۇ رايونلارغا بۇ ھەقتە خەۋەر قىلدۇق ۋە مارت-ئاپرېلدا ئۆتىدىغان ئىش-چارىلەرنى ئارقىغا سوزدۇق. ئالمۇتادا ياشاۋاتقان خەلق بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، دۇكانلاردىكى يەيدىغان تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتلىق.» 

بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ۋىرۇسولوگىيە مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك مەسىمجان ۋىلياموف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە يېتەرلىك چارىلەرنى كۆرمەكتىكەن. ئۇ ھازىر قازاقىستاندا كورۇنا ۋىرۇسقا قارشى دورا ياساپ چىقىرىش مەسىلىسىنىڭ جىددىي قارىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ۋاكسىنىنى ئاغرىققا ئەمەس، ئاغرىمايۋاتقان ئادەملەرگە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئاغرىۋاتقان ئادەملەرگە پەقەت دورا-دەرمەك ئىممۇنىتېتىنى كۆتۈرىدىغان دورىلارنى پايدىلىنىش كېرەك. كورۇنا ۋىرۇسى چاپسان ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ۋىرۇس. ۋاكسىنا پەيدا بولسىمۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقى بەلگىسىز.» 

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا 60تىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردا 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئالىدۇ. ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندى مەكتەپلەردىكى ئەھۋالنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «قازاقىستاندا كورۇنا ۋىرۇسى تېخى ئەۋجى ئالمىدى، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىلىم مىنىستىرلىقىمۇ ئۆزىنىڭ پەرمانىنى چىقاردى. تەتىلگە بالىلارنى ئاۋالراق قويۇپ بېرىش. بۇنىڭ سەۋەبى ئاغرىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قازاقىستان مەكتەپلىرىدە، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا كېرەكلىك چارىلەر ئورۇن ئالدى.»

شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستاننىڭ تېگىشلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەلدە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت