كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ھېسابلانمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئامېرىكادا بۈگۈن گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«ئامېرىكادا بۈگۈن گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
Photo: RFA

«ئامېرىكادا بۈگۈن گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر گېزىتىنىڭ ئوبزور سەھىپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى داۋىد ماسيو 14-مارت ئېلان قىلغان ئوبزۇرىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئۇ، تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان، بۇ ۋىرۇسنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىنىڭ بەزى تالاش-تارتىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى، ئامېرىكادىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، ھەتتا «خىتاي كورونا ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دېموكراتچىلارنىڭ بۇنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بۇنداق «ئىرقىي كەمسىتىش تۈسىدىكى ئىدىيەلىرى» ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گرەيس مېڭ خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ كېسەلنى يۇقىرىقىدەك ئاتاشنى «ھۆرمەتسىزلىك ۋە يىرگىنچلىك» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى يازغان. 

ئۇ مۇنازىرىسىنى داۋام قىلىپ، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلارغا ئارىلاشقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بىر نەرسىنى چالا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ ماقالىسىدە كېسەللىكلەرنى يامان غەرەزدىن خالىي ھالدا يەر-جاي ناملىرى بىلەن ئاتاشنىڭ قايسى دەرىجىدە ئومۇملاشقانلىقىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە «زىكا زۇكىمى» نىڭ، ئۇگاندادىكى زىكا ئورمانلىقنىڭ نامىدا ئاتالغانلىقى، «گۋىنىيە قۇرۇتى» نىڭ گۋىنىيە دېگەن دۆلەتنىڭ نامىدا ئاتالغانلىقى، «ئېبولا ۋىرۇسى» نىڭ كونگودىكى ئېبولا دەرياسىنىڭ نامىدا ئاتالغانلىقى بايان قىلغان. 

ئۇ يەنە، دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان كېسەللىكلەردىن «گېرمانىيە چېچىكى»، «ئىسپانىيە زۇكىمى»، ۋە گېرمانىيىدىكى بىر شەھەر ماربۇرگ نامىدا ئاتالغان «ماربۇرگ ۋىرۇسى» قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتىدۇ ۋە ھەتتا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى بىلەنمۇ ئاتالغانلىقىنى مىسال قىلىدۇ. 

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق يازىدۇ: «بەلكى ئىسپانىيە زۇكامىغا خاتا ئىسىم قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بىز ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئەمما، ھازىر دۇنيانى قاپلىغان تاجسىمان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرا خىتايدىكى ۋۇخەن دېگەن شەھەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىمىز.» 

ئۇ ئاخىرىدا دەردىمىزدە مەۋجۇت «كەمسىتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بىر كېسەلنى قانداق ئاتاشتىن ئىبرەت ئۇششاق ئىشلارغا ئىرقچىلىق قالپىقىنى كىيگۈزۈشنىڭ ئىرقچىلىق ئىبارەت ئېغىر قىلمىشنىڭ ۋەزنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى» نى بايان قىلىدۇ. 

تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان. باشتا بۇ ۋىرۇس «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان، كېيىن «كورونا ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 

ھالبۇكى يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو مەزكۇر ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاپ، مۇنازىرە قوزغىغان.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ تولىمۇ «مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر ۋىرۇسنى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىگە دۆڭگەشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت