باش شىتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىگە جايلاشقان «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» مۇستەقىل دۇنياۋى مۇنبەر بولۇپ، 2009-يىلى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ «خالىفاكىس مۇنبىرى» ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە بېقىنمىغان ھالدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلار، ئىلمىي خادىملار ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئىشتىراكىدا دۇنياۋىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن خەلقئارادىكى ھەممىلا ساھەگە تونۇشلۇق بىر مۇنبەرگە ئايلانغان. 20-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە ئېچىلغان 2020-يىللىق مۇنبەردە خىتاي مەسىلىسى بۇ يىلدىكى مەركىزىي تېمىلاردىن بولۇپ قالدى.
يىغىننىڭ ئەڭ كەسكىن تۈس ئالغان 22-نويابىردىكى مۇزاكىرىسىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قاتتىق مەۋقەدە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىنلىك دۇنياسىغا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ تەھدىتلەرنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ تۈپ يىلتىزىغا پالتا چېپىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ قىممىىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنداقلا كىچىك جەھەتتىن ئالغاندا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى سەۋەبىدىن مىليونلىغان خىزمەت ئورنىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆزىدە بولسا غەربىي قىسىمدىكى مىليونلىغان ئىنساننى بىھۇدە قىيناۋاتقانلىقى، مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن ھازىر ئاقساراي ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق مەيداندىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە 1980-يىللىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگان شۇ ۋاقىتتا دۇنياۋى تەرتىپكە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىجرا قىلغان تەدبىرلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ قىلىۋاتقانلىرى قانداقتۇر دۇنيانىڭ ساقچىسى بولۇش ياكى دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەسلىكى، ئەكسىچە ئامېرىكا دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتلاردىلا بېكىتىلىپ كەتكەن پىرىنسىپلار، بولۇپمۇ تاشقى جەھەتتىن كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەركىتى ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى.
يىغىندىكى خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيودىن باشقىچىرەك پىكىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (ش ئا ئە ت ياكى NATO) نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بولدى. ستولتېنبېرگنىڭ پىكرىچە، خىتاي دۇنيا خەلقى ئۈچۈن دۈشمەن ئەمەس ئىكەن، رەقىبمۇ ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ تېزدىن باش كۆتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئۈچۈن بازار ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىكەن. گەرچە خىتاي ئۆز نۆۋىتىدە ئەركىنلىك دۇنياسىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەربىي قۇۋۋىتىگە بەزى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمىسىمۇ تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈش ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. ستولتېنبېرگنىڭ سۆزلىرى مەزمۇن جەھەتتە ئامېرىكانىڭ 1970-يىللاردىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېنرىي كىسسىنگېرنىڭ «خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىقراق» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تېخى يېقىندىلا ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خېنرىي كىسسىنجىرنىڭ بۇ ھەقتىكى نۇتقىنى كەسكىن تەنقىدلەپ: «كىسسىنگېر ئەپەندى قارىغاندا خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن قانچىلىك زور خېيىم-خەتەر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تېخىچە ھېس قىلالمىغان ئوخشايدۇ. نۆۋەتتە شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنيانى بېيجىڭنىڭ ئالقىنىغا توپلايمەن، دەۋاتقاندا بىز قانداقلارچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشالايمىز؟» دەپ سوئال قويغان ئىدى.
2020-يىللىق «خالىفاكىس مۇنبىرى» يېپىلغاندىن كېيىن يىغىن دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 88 بەتلىك دوكلاتتا ئوخشاشلا خىتاي مەسىلىسى مەركىزىي تېما بولدى. دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ «غەرپ دۇنياسىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن خىتاي چۈشەنچىسى ئۈزېل-كېسىل گۇمران بولدى. جۈملىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە بىزنىڭ ‹خىتاي غەرپ دۇنياسى بىلەن ھەمكارلاشسا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك چۈشەنچىسى، دېموكراتىيە ئېڭى ۋە قانۇن ئارقىلىق جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى تەدرىجى قوبۇل قىلىدۇ› دېگەن چۈشەنچىمىزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقى ئىسپاتلاندى. خىتاي نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پائالىيەتلىرىدە تارىختىكى ئەڭ زور ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەركىنلىك دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ زور خىرىسقا ئايلاندى،» دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈپلۈك يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ لېنىنىزىم ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە بۇ خىل يېتەكچى ئىدىيەنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىنلىك دۇنياسىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتلەردە تېخنولوگىيە ئاساسىدىكى ھاكىممۇتلەقلىقنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارنىڭ مۇھىم نىشانلاردىن ئىكەنلىكى، بۇ ئارزۇنىڭ نۆۋەتتە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەدرىجى ھەممە ياققا يېيىلىۋاتقانلىقى تەپسىلى كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا نۆۋەتتە خىتاينىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە ئارمىيەنى كۈچلەندۈرىۋاتقانلىقى بولۇپ، خىتاينىڭ ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى پۈتۈنلەي دېموكراتىيە دۇنياسىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىشقا يۈزلەنمەكتىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەر سەگەكلىك بىلەن خىتاي خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا باش قاتۇرۇشى زۆرۈر ئىكەن. يەنە كېلىپ نۆۋەتتىكىدەك ئامېرىكا ياكى ھېچقانداق بىر دۆلەت يەككە ھالدا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا قادىر بولالمايۋاتقان ئەھۋالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدان تۇتىۋاتقان ئامېرىكا ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشى تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.
نۆۋەتتە بىر قىسىم سىياسىيونلار، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى 20-يانۋاردىكى يېڭى كابېنتىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس كۇن ئەپەندى بۇ دوكلاتنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئەمدىلىكتە ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈش پەيتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 22-نويابىر كۈنى «سىياسەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «دۇنيا دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ بىر يىل دۇنيا تارىخىدا بەكمۇ ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولغۇسى. بولۇپمۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدا،» دېگەن.