خىتاينىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدىكى «Asahi Shinbun» غا بېسىلغان خەۋەرلەر. 2013-يىلى 20-فېۋرال.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدىكى «Asahi Shinbun» غا بېسىلغان خەۋەرلەر. 2013-يىلى 20-فېۋرال.
RFA/Qutluq

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جانابلىرىنىڭ 21-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن،نۇرغۇنلىغان ياپونلار شىنزو ئابېنىڭ سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ياپونىيىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى نورىكو خانىم مۇنداق دېدى:
‏-باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ئەتىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى، ئامېرىكا بىلەن كۆپلىگەن تۈرلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى،بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق. مەن باش ۋەزىرنىڭ سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ زىيارىتىگە خىتاي دۆلىتى يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 21-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ. باش ۋەزىر جانابلىرىغا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇ 22-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئاساسلىقى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى غايەت زور كۈچەيتىش، ياپونىيىنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئۆز مەيلىچە يول تۇتۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ياپونىيىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەزكۇر گېزىتتە ياپونىيە باش ۋەزىر شىزو ئابېنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە تىزىملىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان. يەنى ئۇ 4-يانۋار ياپونىيە سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى نۇكاگانى كورىيىگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىپ، كورىيە بىلەن بولغان تاكېشىما ئارىلى مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق كورىيە بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتنى تەڭشىۋالدى دېيىلگەن.

مەزكۇر گېزىتتىكى ماقالىدە يەنە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدانىڭ فىلىپپىن، سىنگاپور، برۇنې ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 14-كۈنىگە قەدەر زىيارەتتە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا، باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئۆزى ۋيېتنام، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي بىرلىك قۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ياپونىيە بۇ خىل تاشقى سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بولغان فىلىپپىن، ۋيېتنام، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن رايون خاراكتېرلىك قوغدىنىشتا چەمبەر ھاسىل قىلىپ، خىتاينى ئاسىيادا ئىقتىساد ۋە باشقا ھەمكارلىقتا يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دېيىلگەن. مەزكۇر گېزىتتە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۈستەل ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئۆز ‏-ئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە كېلىشىم ۋە سۆھبەت ھاسىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاينىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بولۇشى ۋە ھەر-خىل ئىنكاسلاردا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت