تۈرك پائالىيەتچى: ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئاخىرقى نەپەسلىرىمگە قەدەر لەپىلدىتىمەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈرك ئوغلى جان ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراقلار ئالدىدا
تۈرك ئوغلى جان ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراقلار ئالدىدا
RFA/Pidaiy


گوللاندىيەنىڭ ئارنھىم شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق تۈرك ئوغلى جان ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى بايراقچى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى تۈرك دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تۈركمەن، ئەزەربەيجان، قىرىم، تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى جەۋلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۈرك مىللىتىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ جەۋلان قىلدۇرغان بايراقلىرى، تارىخ بەتلىرىگە رەسىم بولۇپ چېكىلىپ، تور دۇنياسى ئارقىلىق نامايان بولماقتا. تۈرك ئوغلى جان ئەپەندىنىڭ فەيسبۇكىدىن دىققىتىمىزنى چەككەن رەسىملەر بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رادىئويىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈرك ئوغلۇ جان بەي، فەيسبۇكتىكى رەسىملىرىدىن ھەيران قالغانلىقىمىزغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە چېكىۋاتقان ئازابلىرىنى بىز بۇ يەردە ھېس قىلىپ كەلدۇق. بايراق سەۋدالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن. ئۇلار لەپىلدىتەلمىسىمۇ بىزلەر دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە، لەپىلدىتىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ نومۇسسىزدۇر.

بىز ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىغىنىمىزدا: «مەن تۈرك دۇنياسىدىكى بايراق سەۋدالىرىدىن بىرى. بىز ئاللاھقا ۋەدە بەردۇقكى، ‹مېدىئا ساھەسىدە ئاخىرقى نەپەسلىرىمىزگە قەدەر نومۇسىمىزنى ۋە بايراقلىرىمىزنى جەۋلان قىلدۇرىمىز› دەپ. دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە، ھېچقانداق ھەق ئالماستىن فېستىۋاللار بولسۇن، بايراملىرىمىز بولسۇن گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە، بايراقلىرىمىزنى لەپىلدىتىپ كېلىۋاتقان بايراق ئاشىقىمەن» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئۇيغۇرلارنى تونۇشى ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۆزگىچە باشلانغان ئىكەن. «مەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنى ئەقلىمنى تاپقاندىن بېرى تونۇيتتىم. بىر قانچە يىل ئىلگىرى بېلگىيەدىكى بىر پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولدى ۋە مەن ئۇ يەردە 3 - 4 دانە بايراق بىلەن كۆرسىتىش قىلغان ئىدىم. رابىيە قادىر خانىم ماڭا ئۆز قولى بىلەن بىر بايراقنى ھەدىيە قىلىپ، «ئۇ بايراقلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ بايرىقىمىزمۇ جەۋلان قىلسۇن» دېدى. شۇندىن بېرى بارغانلىكى يەرلەردە تۈرك دۇنياسى بايراقلىرى قاتارىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىمۇ لەپىلدىتىپ كېلىۋاتىمەن. يەنى تۈركمەن ئىلى بايرىقى، كۆك تۈرك بايرىقى، قىبرىز، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بايراقلىرى قاتارىدا جەۋلان قىلدۇرۇۋاتىمەن.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار قېتىلالمىغان پائالىيەتلەردە، ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراقنى جەۋلان قىلدۇرغان چاغلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ، كىمنىڭ بايرىقى ئىكەنلىكىنى دوستلىرىم ئاساسەن بىلىدۇ. ئارىسىدىن بىلمەيدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇنداقلارغا خىتايلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىمىز. ھەتتا، بەزىلىرى شۇنداق خۇرسەن بولۇپ كېتىدۇ. شۇ يەرلەردىمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن، دەپ؛ يەنە بەزىلىرى كاشكى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۇ يەرلەردىمۇ نامايان قىلالىغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ھە؟! دەپ خورسىنغان چاغلىرىمۇ بولدى.

ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى تونۇش - بىلىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشى توغرىلىق ئۇچۇر بېرىپ، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدا ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ نومۇسىدۇر. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر. بىزنىڭ جامىلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېرى ئۆزگىچە، ھەر زامان قايغۇ - غەملىرىدە بىرگىمىز. ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزدىن خەۋىرى بولغاي. چۈنكى بىز بىر قەلب كەبى ياشىماقتىمىز» دېدى.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە: تۈرك مىللىيەتچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى تۇران بىرلىكىنى قۇرماق ئىكەن. «مەقسىتىمىز - تۇران بىرلىكىنى قۇرماق. بىز ئۆلكۈجىلەر - تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز. نەدە بىر تۈرك بولسا، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشماق؛ تۈركيلەرنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تەر تۆكمەك؛ تۈرك بايراقلىرىنىڭ بىر يەردە جەم بولۇپ ياشىشى؛ نومۇسىمىزنىڭ، كىملىكىمىزنىڭ ۋە بىرلىكىمىزنىڭ دائىمىي بولۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ئېغىز كۈنلەردىمۇ بىرلىكتە بۆلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ گەرچە رېئاللىقتىن ئۇزاقتەك بىلىنسىمۇ، ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ھەركۈنى ئۇ تەرەپكە سىلجىماقتۇر.»

ئۇ ئۇيغۇرلار قارىتا ئاخىرقى يۈرەك سۆزلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىنى شۇنداق بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ خالىسا، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى؛ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جەۋلان قىلدۇرىمىز. خىيالىمدىكى يېگانە تىلىكىم شۇ. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ھەم دىن، ھەم قان قېرىندىشىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىكىمىز، ھامان بىر كۈن غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ سۇسلاپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. زۇلۇم دۇنيادا ھېچقاچان مەڭگۈ داۋام قىلالمىدى. زالىمنىڭ زۇلۇمى بولسا، بىزنىڭ ئاللاھىمىز بار، دەپ، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز لازىم.»

تۈرك ئوغلۇ جان بەي زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ 3 پەرزەنتى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىمۇ تۈرك سەۋدالىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىنى، بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى، ھەرقاچان پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىنسا، خۇشاللىق بىلەن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت