شىۋېتسىيەدە يىتىلىۋاتقان شاكىچىك بوكسچى ئابدۇرىشىت ئەنۋەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2017-01-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شىۋېتسىيەدە يىتىلىۋاتقان شاكىچىك بوكسچى ئابدۇرىشىت ئەنۋەر (قىزىل مايكىلىق)
شىۋېتسىيەدە يىتىلىۋاتقان شاكىچىك بوكسچى ئابدۇرىشىت ئەنۋەر (قىزىل مايكىلىق)
RFA/Ihsan

شىۋېتسىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان ئۆسمۇرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئىگىلەشكە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بويىچە تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرت يەنە، ھەر خىل ساھەرلەردە قىزىقىشى بويىچە تەربىيىلىنىشىگىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە.

شىۋېتسىيەنىڭ يوتۇبورى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ يىل 10ياشقا كىرگەن ئابدۇرىشىت ئەنۋەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن بوكس كەسپىدە تەربىيىلەنمەكتە.

ئۇ، سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بوكس ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۈسى بارلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئابدۇرىشىتنىڭ دادىسى ئەنۋەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەنۋەر ئەپەندى ئوغلىنىڭ بۇ كەسپنى ئۆزىنىڭ تاللىغانلىقىنى ھەمدە تەربىيىلىنىش داۋامىدا ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئابدۇرىشىتنىڭ بوكستا يوشۇرۇن تالانتى بارلىقىنى سەزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، شىۋېتسىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھساننىڭ ئەنۋەر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت