ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە دىلشات رىشىت ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كېرري بېنتىۋولى بىلەن بىللە
سۈرەتتە دىلشات رىشىت ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كېرري بېنتىۋولى بىلەن بىللە
RFA/Erkin Tarim

«8 - نۆۋەتلىك ھەر مىللەت ياش رەھبەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئاتالغان خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرى قاتنىشىۋاتقان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى تەيۋەندە داۋاملاشماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ توسالغۇسىز تەيۋەنگە كىرىشى ۋە تەيۋەندە چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 4 ئۇيغۇرنىڭ دوكلات بېرىشى 4 كۈندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقارلىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى« پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىن 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەنۋەر توختى ۋە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرى تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ئالاھىدە قىزىقىدىغان تېمىغا ئايلانغان.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ھەيئەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كېرري بېنتىۋولى ۋە تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىن 30 - ئاپرىل كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە دېموكرات خىتايلار ھەمكارلىق قارارى ماقۇللايدىكەن. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ زىيارىتى ھەپتە ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە بەزى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت