د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى يوشىكو ساكۇراى خانىمنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا. 2018-يىلى 6-ئاپرېل. توكيو، ياپونىيە.
د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى يوشىكو ساكۇراى خانىمنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا. 2018-يىلى 6-ئاپرېل. توكيو، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ھەيئىتى ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 6-كۈنى ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى يوشىكو ساكۇراى خانىمنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەدىن كۈتكەنلىرى قاتارلىق كەڭ تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، باياناتچى دىلشات رېشىت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 40 مىنۇت دوكلات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىغا ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە تونۇلغان ئوبزورچىلاردىن بولۇپ 25 كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 6-ئاپرېل كۈنى ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرگە 40 مىنۇت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سوئال سورىغانلىقىنى بايان قىلدى

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلات ئاخىرىدا ياپونىيە دۆلىتىنى ئاسىيادىكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان، دۇنيانىڭ 3-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى يوشىكو ساكۇراى خانىم مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، دۇنيادىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەتقىقات مەركىزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ مەركەزدە 

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشىنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى ئۇچرىشىشتا ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ياخشى بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى 7-ئاپرېلدىن تارتىپ ياپونىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بىر قانچە نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى سۇنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت