شىۋېتسىيەدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىنىڭ تاييارلىق كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىنىڭ تاييارلىق كېڭەش يىغىنى
شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىنىڭ تاييارلىق كېڭەش يىغىنى
RFA/Ihsan


شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر،تۈرك تەشكىلەتلىرى ھەمكارلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىش تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق كېڭەش يىغىنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭرى ئورۇن ئالغان 22 - ئىيۇن قەشقەر ۋەقەسى قاتارلىقلارنى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئىپتارغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى، تەقۋا جەمئىيىتى ۋە ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يىغىلىش 2 - ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 20:00 دە باشلاندى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش سىياسەتلىرىنى قىسقىچە ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشمە نامايىش ئۈچۈن قىلغان ھازىرلىقلىرىنى ئاڭلاتتى.

كېڭەش يىغىنىدا ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ سۆزچىسى ۋە نامايىشنى پىلانلىق،تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشكە دائىر ئىنچىكە خىزمەتلەر تەقىسملەندى.

ئىپتار ۋاقتى كىرگەندە ھەممەيلەن بىرگە ئىپتارلاشتى. شام نامىزىنى جامائەت بۇلۇپ بىرگە ئوقۇپ ئىپتار تائاملىرىدىن ئېغىز تەگدى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت