تۈرك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «ئىستىخبارات دۇنياسى» ماۋزۇلۇق كىتابىدا خىتايغىمۇ ئورۇن بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىستىخبارات دۇنياسى» نامدىكى كىتابتىكى خىتاي ئىستىخباراتى توغرىسىدىكى سۈرەت.
«ئىستىخبارات دۇنياسى» نامدىكى كىتابتىكى خىتاي ئىستىخباراتى توغرىسىدىكى سۈرەت.
RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىخباراتقا ئالاقىدار كۆپلىگەن كىتابلار نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. «كىرىپتۇ نەشرىياتى» تەرىپىدىن «ئىستىخبارات دۇنياسى» نامدىكى بىر كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 352 بەتلىك بۇ كىتاب، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىد ئۆزداغ قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق تەتقىقاتچىنىڭ، دۇنيادىكى بىر قىسىم ئىستىخبارات تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار تەييارلىغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئىستىخبارات دۇنياسى» دېگەن كىتابتا يەنە خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلگەن. كىتابتا يەنە خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ۋەزىپىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 1983-يىلى قۇرۇلغان، ۋەزىپىسى خىتاينىڭ تاشقى ئىستىخبارات، جاسۇسلۇققا قارشى ئىستىخبارات، سىياسىي خەۋپسىزلىككە مەسئۇل تەشكىلات ئىكەن.

دۇنيادىكى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى دېگەن كىتابتا يەنە خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق پۈتۈن قىتئەلەردە جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەلقئارالىق جاسۇسلۇق ئويۇنچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە شۇنىڭدەك خىتاينىڭ كۈنسايىن قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدىمۇ خىتاينىڭ ئۇچۇر-ئاخبارات توپلاش سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىسى ھەققىدە چۈشەنچىلەرنى چوڭقۇرلىتىش ئېھتىياجى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقەرلى ھازىر مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئاساسلىقى سودا ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىغا ئائىت ئۇچۇر توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت