كاتالانلارنىڭ داۋاسى: مۇستەقىللىق - زىددىيەتلىك يول

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوماندىرلارنىڭ سۈرىتى. ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف. 1950-يىلى، غۇلجا.
مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوماندىرلارنىڭ سۈرىتى. ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف. 1950-يىلى، غۇلجا.
RFA/Oyghan

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىقنى تاللىغان رەھبەرلىرى بىلەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىققان. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسى كاتالانلار ئىچىدىكى مۇستەقىللىق ساداسىنى كۈچلەندۈرگەن. رېفېرېندۇم قىلىشتىن بۇرۇن مۇستەقىللىقنى تاللىغان كىشىلەر 41 پىرسەنت بولغان بولسا رېفېرېندۇم جەريانىدىكى باستۇرۇش ۋە كېيىنكى رەت قىلىشتىن كېيىن مۇستەقىللىقنى تاللىغان كىشىلەر 49 پىرسەنتكە يۈكسەلگەن.

«كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىق مۇساپىسى پۇرسەتلىك ۋە زىددىيەتلىك يول،» دېدى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم. ئۇ، كاتالانلارنىڭ مىللىي ئىرادىسى بىلەن ئىسپانىيە ئاساسى قانۇنى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، ئاساسى قانۇن بويىچە بېرىلگەن پۇقرالارنىڭ ئىرادە ھۆرلۈكى بىلەن دۆلەتنىڭ بۆلۈنمەسلىكى ھەققىدىكى مەزمۇننىڭ زىتلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسپانىيەدەك دېموكراتىك دۆلەتتە يولغا قويۇلغان ئاپتونومىيە بىلەن خىتايدەك دىكتاتور دۆلەت سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان ئاپتونومىيە ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ھەققىدە دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، ئاپتونومىيىەدىن مۇستەقىللىق باسقۇچىغا ئۆتۈش دېموكراتىك دۆلەتلەردە مۇستەبىت دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېز، تىنچ ۋە قۇلاي بولىدىكەن.

تەتقىقاتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسپانىيەنىڭ دېموكراتىك ئاساسى باشقا غەربىي ۋە شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا ئاجىزراق بولۇپ، پەقەت 23 پىرسەنت كىشى دېموكراتىيىنى مۇقەددەس قىممەت قاراش دەپ قوبۇل قىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار، بۇنىڭ سەۋەبىنى گېنېرال فرانكونىڭ ئىسپانىيەنى 1939-يىلدىن باشلاپ تاكى 1975-يىلغىچە مۇستەبىت شەكىلدە باشقۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىملىق كاتالونىيە رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە سوتقا چاقىرىلىشىنى كاتالانلار فرانكونىڭ زوراۋانلىقىغا ئوخشاتماقتا ئىكەن.

گېرمانىيە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئەسقەرجان ئەپەندى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيە بىلەن كاتالانلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاپتونومىيەنىڭ پەرقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، مۇستەبىت ئەللەردىكى ئاپتونومىيە قەغەز يۈزىدە بولۇپ بولۇپ، ھاكىمىيەت ئۇنىڭ ئىجراسىغا توسالغۇ بولىدىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان رايون 46 بولۇپ، بۇنىڭ 20 دىن ئارتۇقى كەسكىن مۇستەقىللىق داۋاسى ئىچىدە ئىكەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە قوراللىق كۈرەش بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان كۇردىستان ۋە تىنچلىق يولى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغان كاتالونىيەگە ئوخشاش ھېچ بىر رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان. 1933-يىلى ئېلان قىلىنغان «مونتەۋىدو ئەھدىنامىسى» بويىچە قارىغاندا، تۆت ئامىل بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا شەرت قىلىنغان. بۇلار چېگرالىرى ئېنىق ئايرىلغان تېررىتورىيە، شۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق، شۇ رايوننى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئېتىراپى ئىكەن. ھازىر كوسۇۋو، ئابخازىيە، قىبرىس، پەلەستىن، تەيۋەن قاتارلىقلار ئاللىقاچان يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ب د ت ئېتىراپ قىلغان مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن.

ئەسقەرجان ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، ئاپتونومىيە مۇستەقىللىق قەسىرىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ ئاچقۇچقا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر داۋاسىنى يا خەلقئارا قانۇن، ياكى خىتاي قانۇنلىرى بويىچە قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇر داۋاسى خەلقئارا قانۇن بويىچە كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى بولۇپ، بۈگۈنگىچە داۋا ھاياتىدا ئۇچرىغان ھېچ بىر رەھبەر، تەشكىلات ياكى دۆلەت رەسمىي سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماپتۇ. 

ئىسپانىيەدىكى گراند ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى كىيارا ئولۋېرا خانىمنىڭ قارىشىچە، ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇرەسسەسىز پوزىتسىيىسى كاتالونىيەدىكى مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى كەسكىنلەشتۈرىدىكەن. بۇنى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك كۈچىيىۋاتقان ۋە خەلقئارالىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت داۋاسىغا سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدىكەن. 

ئۇيغۇرلارغا خۇددى كاتالانلارغا ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقى، ھەتتا رېفېرېندۇم قىلىش پۇرسىتى كېلەرمۇ، دېگەن سوئالىمىزغا ئەسقەرجان ۋە ئەركىن ئەكرەملەر ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەسقەرجاننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئەگەر ئۆز داۋاسىنىڭ خىتاي قانۇنىغا ئۇيغۇن ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالىسا، خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيەگە ئېرىشىش ئىمكانى بولىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئىسپانىيە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەت بولغاچقا كاتالانلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىسا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز قىلىدىغان ئېنىق بىر ئورگان بولمىغاچقا كاتالانلاردەك ئەرز قىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس ئىكەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى كاتالونىيە رېفېرېندۇم قىلغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىسپانىيە تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، رويتېرس، فوربېس ۋە ئاتلانتىس قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ كاتالونىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ پۈتۈن ئىسپانىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە سىگنال بېرىۋاتقانلىقىغا باغلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت