ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىسى ئارقىلىق چىقىرىلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2001-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن تارىخى دىئاگراممىسى. 2012-يىلى 2-ماي.
2001-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن تارىخى دىئاگراممىسى. 2012-يىلى 2-ماي.
AFP

ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى ئافغانىستاندا ھەم ئۇنىڭغا چېگرىداش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولماقتا. خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىش مۇمكىنلىكى كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سالماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ناتو ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قايسىسىغا ئەرزان باھادا سېتىلىش مەسىلىسىمۇ بۇ رايوندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تەسىر قىلماقچى. بۇنىڭدىن كىم مەنپەئەتدار؟ «نوۋايا گازېتا-كازاخستان» دا ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېك ئۇرۇش چىقىم پۇلى، تاشكەنتنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قانداق خەۋپ تۇغدۇرىدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋىتالىي ۋولكوف ئا ق ش، ئانگلىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆزبېكىستان بۇ مەملىكەتلەردىن ئايروپىلان، زامانىۋى ئارتىللېرىيە، برونىۋىك ۋە باشقىمۇ تېخنىكىلارنى ئالماقچى ئىكەن. ماقالە ئاپتورى ئۆزبېكىستاندىن باشقا يەنە بېشكەكنىڭمۇ ئەنگلىيە بىلەن مۇشۇ ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىلىپپ خاموندنىڭ «تايمس گېزىتى»گە بەرگەن بايانىغا ئاساسلىنىپ، برىتانىيىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ ھەربىي جابدۇقلىرىنى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆزبېكىستانغا ئەرزان باھادا سېتىش ھەققىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئالدىدا ناتو رەھبەرلىكى ئۆز ھەربىي تېخنىكىسىنى قايتىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى توغرا كۆرمەي، بەلكى «ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغان» تېخنىكىلارنى بىكارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن تاشكەنت، بېشكەك ۋە دۈشەنبە بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزگەن ئىكەن. ئەنگلىيە مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تېخنىكىنىڭ تۆۋەن باھادا سېتىلىشى ئۆزبېكىستاننىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشىغا، شۇنداقلا ناتو ئەسكەرلىرى كەتكەندىن كېيىن، چېگرادىكى بىخەتەرلىكنى تەمىنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بۇ رۇسىيە ۋە قازاقىستاننى ئىككى خىل ھالەتكە قالدۇرغان ئىدى. بىرىنچىدىن، ئۇلار ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش بولمىسىمۇ، ئامما ناتو ئەسكەرلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئافغانىستان چېگراسىنى كۆزىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەر ئىككىلىسى مەنپەئەتدار بولماقتا. بۇ يەردە ئاساسىي رولنى ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوينىماقچى. ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا قالدۇرۇلغان ھەربىي تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن شەرتلىك تۈردە ناتونىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمى كېرەك بولىدۇ. بۇ جەرياندا ناتونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى تەبىئىيدۇر. بۇ، ئەلۋەتتە، رۇسىيىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. ئاستانىنىڭ مۇنچىلىك باش ئاغرىتىشى يوق، دېيىلىدۇ ماقالىدە. ئۇنى پەقەت قوشنا ئۆزبېكىستاننىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئامما قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا قارىغاندا، قازاقىستان يېتەرلىك دەرىجىدە باي بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەمدى بىۋاسىتە ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا كېلىدىغان بولساق، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئافغانىستاندا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ۋە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىشى ئېھتىمال. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ھەتتا ئۆز ‏- ئارا رىقابەتلىشىش مۇمكىنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەمدى «سېنتىر ئاسىيا» دا بېسىلغان ۋىكتورىيا پانفىلوۋانىڭ «دۈشەنبە ناتوغا ئۆز تېررىتورىيىسىنى تەكلىپ قىلماقتا. تاجىكىستان ئافغانىستاندىن ياۋروپاغا قاتناشتا يول ئۈستى مەملىكەت بولماقتا» ناملىق ماقالىسىدە، بولۇپمۇ تاجىكىستاننىڭ ئا ق ش ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئافغانىستان مەسىلىسى قارىلىدۇ.

ماقالىدە تاجىكىستاننىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنى ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىكنى تەمىنلەش كۈچلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئەنگلىيىنىڭ قوشۇلغانلىقى، ئەمما، ئا ق ش نىڭ ئۇنداق قارىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان.

ððماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئا ق ش 2014-يىلى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى تاماملاش نىيىتىدە بولماقتا. ئامما ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىچە، ئا ق ش بۇ مەملىكەتتىن ئۈزۈل-كېسىل كېتىش ئويىدا بولماي، بەلكى ھەربىي كۈچىنى قىسقارتىپ، ئۇلارنى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا قانچىلىك ھەربىي كۈچنىڭ ئورۇنلىشىدىغانلىقى مەسىلىسى پەقەت ۋاشىنگتون ۋە كابۇل ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىنلا مەلۇم بولىدۇ. ناتو ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىش كابۇلدىن مازارى-شەرىفكە ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولى، ئۇ يەردىن خايراتون-تېرمېز تۆمۈر يولى، ئاندىن ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش قوللاي دەپ قارالغان. ئانالىزچىلارنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ئەگەردە ئا ق ش نىڭ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال-ياراقنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتى بولسا، ئۇ چاغدا تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانمۇ ترانزىت مەملىكەتلىرى سۈپىتىدە قارالماقچى.

ھازىر قىرغىزىستاندا ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى مۇھاكىمە قىلىنماقتا. پارلامېنت دېپۇتاتى راۋشان ژېيېنبېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئا ق ش بازىسىنىڭ بۇ ئەلدە قالدۇرۇشنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي سەۋەب، يەنى قىرغىزىستان ھەر يىلى ئامېرىكىدىن 60 مىليون دوللار ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، شېرىكلىك، يەنى بۇ بازا قىرغىزىستان ۋە ئا ق ش ئوتتۇرىسىدىكى بىردىن-بىر باغلىنىش يولى بولماقتا. ئۈچىنچىدىن، بىخەتەرلىك مەسىلىسى.

ئۆز نۆۋىتىدە تاجىكىستانمۇ ئامېرىكىغا ئۆز تېررىتورىيىسىنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئامما تاجىكىستاننىڭ شەرتلىرىگە قوشۇلمىغان ئا ق ش مەمۇرىيىتى ھازىرچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت