زەفەر قاراتاي: قىرىم تاتارلىرى دېموكراتىك ئۇكرائىنىيە تەركىبىدە ئاپتونومىيە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنيۇك ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2014-يىلى 27-فېۋرال.
ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنيۇك ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2014-يىلى 27-فېۋرال.
AFP

ئۆتكەن ھەپتىدىن تارتىپ، قارا دېڭىزدىكى قىرىم يېرىم ئارىلى قايتىدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توقۇنۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇشقا باشلىدى. قىرىمدىكى تاتارلار ئۇكرائىنىيەنىڭ پارچىلانماسلىقى، ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ياشاپ، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى زەپەر قاراتاي ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇكرائىنىيە كرىزىسنىڭ يۈزلىنىشى

ئۇكرائىنىيە كرىزىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، غەرب دېموكراتىيىسىنى ياقىلىغۇچى ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رۇسىيە تەرەپدارى ھېسابلىنىدىغان پرېزىدېنت ۋىكتو يانۇكوۋىچنى تەختتىن قوغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى رۇس تىللىق ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۆكتىچى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلار ئەۋجىگە چىقتى ۋە ئارقىدىنلا نامەلۇم قوراللىق گۇرۇپپا ئۇكرائىنىيەگە قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قىرىمغا كىرگەنلىكىدىن شىكايەت قىلدى شۇنىڭدەك پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۇكرائىنىيەدىكى رۇس پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي قوشۇن كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا پەيدا بولغان پىكىر ئىختىلاپى كۈچىيىپ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ ئاساسلىقى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلەندى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىمغا، جۈملىدىن ئۇكرائىنىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق، سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بولسا، 4-مارت كۈنى رۇسىيەنىڭ قىرىمغا قوشۇن كىرگۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ھازىرچە ئۇكرائىنىيەگە قوشۇن ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرىم تاتارلىرى ئەندىشە ئىچىدە

قىرىم كۆپ مىللەتلىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت، بۇ جۇمھۇرىيەتتە رۇسلار، ئۇكرائىنلاردىن قالسا، نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت تۈركىي تىللىق قىرىم تاتارلىرىدۇر.

قىرىمدا داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەت،جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈش تەھدىتى قىرىمدا ياشايدىغان قىرىم تاتار ئاھالىسىنى ئىنتايىن ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، قىرىم تاتارلىرى قىرىمدا مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىدىن قورقماقتا. شۇنداق ۋەقەلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلار تىنچلىقنى ۋە ھوشيارلىقنى ساقلىماقتا. قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى زەفەر قاراتاي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرىمدىكى كوچىلاردا قوللىرىدا قورال تۇتقان مەست كىشىلەر يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، بىرەر ئىغۋاگەرچىلىك چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كىشىلەر چوڭ يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ساقلانماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىز ئېيتىدۇ، ئۇرۇش چىقسا رۇسىيە، پۇتىن رۇسلارنى قوغدايدۇ، ئۇكرائىنىيە كېرەك بولسا ئۇكرائىنلارنى قوغدايدۇ، ئەگەر ئۇرۇش بولسا، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بىزنى كىم قوغدايدۇ، جانلىرىمىزنى كىم قوغدايدۇ دەپ دۇنيادىن سوراۋاتىدۇ» دېدى.

زافەر قاراتاي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قىرىمدىكى قىرىم تاتارلىرى بىلەن رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەتلەر يوق. ھەتتا سىنفېرېپول شەھىرىدە رۇس، تاتار ۋە باشقا مىللەت ئاياللىرى ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلارمۇ قىلدى.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى تاتار بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان ۋىدەئو خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-مارت كۈنى سىنفېرېپول شەھىرىدە رۇس، تاتار ۋە باشقا مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن، ئۇلار بىردەك ھالدا ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان، رۇس ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ تاتارلار ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن ياخشى ۋە ئىناق ئۆتەۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ھېچكىمنىڭ خاپا قىلمىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قوشۇن ئەۋەتىشىنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

قىرىم تاتارلىرى قىرىمنىڭ ئۇكرائىنىيە تەركىبىدە بولۇشىنى قوللايدۇ

قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىن ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋېكتور يانۇكوۋىچ ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان، قىرىم تاتارلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇكرائىنىيەنىڭ پارچىلىنىشى، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ قىرىم تاتارلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىمغا قوشۇن كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، قىرىمنىڭ ئۇكرائىنىيەنىڭ تەركىبىدە قېلىشىنى قوللىماقتا. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن زەفەر قاراتاي ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«قىرىم تاتارلىرى قىرىمنىڭ ئۇكرائىنىيە تەركىبىدە قېلىشى ۋە ئۇكرائىن تۇپراقلىرىنىڭ بۆلۈنمەي شۇ ھالدا قېلىشىنى خالايدۇ، ۋە ئۇلار قىرىمدا رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ قولىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بولۇشىنى ئىستىمەيدۇ، بىر ھەپتىدىن بۇيان قىرىمدىكى كوچىلاردا پۇقراچە كىيگەن قوراللىق ئىنسانلار يۈرمەكتە، قىرىم تاتارلىرى بۇنىڭدىن خۇشال ئەمەس، 1944-يىلى 18-ئايدا ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغان قىرىم تاتارلىرى يېڭى بىر سۈرگۈن پاجىئەسىدە بولۇشىدىن ۋە بىر ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ، قىرىم تاتارلىرى قىرىمدىن قوغلىنارمۇ دېگەن ئەندىشە ھەم قورقۇنچتا بولماقتا.»

ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئۇكرائىنىيە قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن پايدىلىق

زەفەر قاراتاي ئەپەندى سۆزىدە يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيە تەركىبىدە قېلىشى، قىرىمنى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇھىم بىرى سۈپىتىدە ئۇكرائىنىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچۈپ، ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنى خالايدىغان دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ قولىدا بولسا قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
«قىرىم تاتارلىرى شۇ سەۋەبتىن قىرىم ئۇكرائىنىيە تەركىبىدە قالسا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇكرائىنىيە قۇرۇلغانغا 23 يىل بولسىمۇ، ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى بىزگە بەزى ھوقۇقلارنى بەرسىمۇ، ئەمما بىز ئىستىگەنلىرىمىزنى تېخى تولۇق بەرمىدى، بىراق ھازىر ئۇكرائىنىيەدە دېموكراتىك كۈچلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدىغان كۈچلەر بار، ئۇلار ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ياۋروپادىكىگە ئوخشاش دېموكراتىك تۈزۈمدە ياشاشنى خالايدۇ. قىرىم تاتارلىرىمۇ بۇنداق دېموكراتىك ئۇكرائىنىيە ئىچىدە ياشاشنى خالايدۇ، بىراق، پۇتىننىڭ رۇسىيەسى تارىختىن بېرى قىرىمغا كېلىپ قىرىم تاتارلىرىنى بۇ يەردىن سۈرگۈن قىلدى ۋە كۆچۈردى، تارىختىن بېرى قىرىم تاتارلىرى بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشى بولمىدى شۇنىڭدەك ھەممە مەسىلە ئۇ يەردىن كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن تاتارىستان ۋە باشقۇرتۇرستاننىڭ ئېرىشكەن ھوقۇقلىرىنى پۇتىن قولدىن ئېلىۋالدى. قىرىم تاتارلىرى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇكرائىنىيەنىڭ دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قېلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايدى.»

قىرىم تاتارلىرىغا ئۇكرائىنىيە تەركىبىدىكى ئاپتونومىيە كېرەك

زەفەر قاراتاي ئەپەندى قىرىم تاتارلىرىنىڭ غەرب بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان دېموكراتىك تۈزۈمدىكى ئۇكرائىنىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قانچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيەدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقى، پەقەت قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغان ئاپتونوم ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ قىرىمدىكى نوپۇسىمىز ئاز، سانىمىز ئاز، 300 مىڭ ئادىمىمىز بار، 100 يىل ئىچىدە قىرىمدىن چىقىرىۋېتىلگەن قىرىم تاتارلىرىغا ئۇكرائىنىيە پاسپورتى بېرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىرىمغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز قىرىمدا ئۇكرائىنىيەنىڭ تەركىبىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر گەرچە قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ، ئەمما، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى رۇسلارنىڭ قولىدا، ھەممە ھوقۇق شۇلارنىڭ قولىدا، ھۆكۈمەتتە ئاز ساندا قىرىم تاتارلىرى بار، ئۇلار بەك ئاز. قىرىم تاتارلىرى 14% بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ نىسبىتى 5% ئەتراپىدا، بۇ تەلەپتىن يىراق.»

قىرىم تاتارلىرى قىرىمدا يەنىلا ئاساسلىق مىللەت

سانلىق ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھازىر قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئۇكرائىنىيە تەۋەسىدىكى بىردىنبىر رۇس تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان رايوندۇر. قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ھازىر 260 مىڭ ئەتراپىدا قىرىم تاتىرى، بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق رۇس ۋە 600 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىن ھەم يەھۇدىي، گىرىك، ئېزەر ۋە باشقا كۆپ خىل مىللەتلەر ياشايدۇ.

رۇسلار بۇ يەردىكى نوپۇسنىڭ 58% نى، قىرىم تاتارلىرى 13% نى تەشكىل قىلىدۇ. قىرىم تاتارلىرى قىرىمدىكى رۇسلار، ئۇكرائىنلاردىن قالسا نوپۇس جەھەتتە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. قىرىم تاتارلىرى 1980-يىللاردىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە كۆپىيىشكە باشلىغان، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باشقا دۆلەتلەردە ياشىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت