قازاقىستان ئىقتىسادى سىرتقى تەسىرگە ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇمكى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى ئىقتىسادتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ قېلىپلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

نېفىت ۋە مېتال باھالىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاننىمۇ بەزى چارىلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف دوللار باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭگىنى ئەركىن ئالماشتۇرىدىغان كۇرسىنى جارى قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت ئالدىغا تاۋارلار باھالىرىنى مۇمكىن قەدەر كۆتۈرمەسلىك، ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قىسقىرىپ كېتىشىگە يول قويماسلىق، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ يېڭى ئۈلگىلىرىنى ئىشلەپ چىقىش، مەجرۇھلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈش ھەم باشقا چارىلەرنىمۇ كۆرۈش ۋەزىپىلىرىنى يۈكلىگەن ئىدى.

قازاقىستان ئىقتىسادىدا شەكىللەنگەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئانالىزچىلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا مەركىزىي ئاسىيا بويىچە دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى كرىستوس كوستوپۇلوس قازاقىستاننىڭۋ-نەۋس. ئۆز» » ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن سۆھبىتىدە قازاقىستان ئىقتىسادىنى ئۈمىدۋار كېلەچەك كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر ئۆزگىرىش ئىككى تۈرلۈك ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن يۈز بەرگەن. بىرىنچىسى، نېفىت باھالىرىنىڭ قىسقىرىشى، بۇ پەقەت قازاقىستاننىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ دۆلەتلەرگە ئۆز ۋاليۇتىلىرى بويىچە چارىلەر كۆرۈش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلىمەكتە. ئىككىنچىدىن، بۇ رۇسىيە ۋە خىتاي ئىقتىسادلىرىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلار قازاقىستاننىڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىدۇر. ئامما بۇنىڭ بارلىقى قازاقىستاننى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىك قابىلىيىتىنى كۆتۈرۈشكە ئۈندىمەكتە. قازاقىستان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارغا خېلى يېتەرلىك دەرىجىدە بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ كېمىيىشى بايقالماقتا، لېكىن كېلەچەككە خېلى ئوپتىمىست بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك راخمان ئالشانوفنىڭ «كازاخستانسكايا پراۋدا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « قازاقىستان. ئىقتىسادىي ھالاكەتلەرگە ئاساس يوق، ئامما ئۈچ مەسىلە بار» ناملىق ماقالىسىدە قازاقىستان ھاياتىدا كېيىنكى يىللاردا بىر قاتار مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن مەملىكەتنىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ۋە دۇنياۋى سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنى، قازاقىستان ئېكىسپورتىنىڭ 76 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى، ئامما قازاقىستان ئىقتىسادىغا، بولۇپمۇ خام ئەشيا تاۋارلىرىغا چەتئەل باھالىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، 2008-ۋە 2009- يىللىرى بارلىق خام ئەشيا تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت باھالىرى كېمىيىشكە باشلانغانلىقىدىن بۇنىڭ مەملىكەت ئىقتىسادىغا تەسىرى يەتكەن.

ر. ئالشانوف خىتايدا ئەنە شۇ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ كېمىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، خىتاينىڭ قازاقىستان تاۋارلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا مەنبەلەردىن، ئاتاپ ئېيتقاندا، ئافرىقا مەملىكەتلىرىدىن خام ئەشيا تاۋارلىرىنى سېتىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ 13 پىرسەنتكە كۆپەيگەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭمۇ ئېكسپورت باھالىرىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ ئەرزانلاپ كېتىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزمەكتە. ئىككىنچىدىن، قازاقىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىشى بىلەن ئوزۇق-تۈلۈك، تۈگمەن، ياغ-ماي، ماشىنىسازلىق، مېتال چىقىرىش سانائەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۆسكەن، ئامما رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ ئەرزانلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ بازار يېپىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستانلىق كارخانىلار بۇنىڭدىن كۆپ زەرداب چەكمەكتە. ئۈچىنچىدىن، قازاقىستانغا ئەرزان باھادىكى رۇسىيە تاۋارلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى كۈچەيگەن. ئانالىزچى رۇسىيەنىڭ كېيىنكى يىلدا ئىشلەپچىقىرىشنى يەنە 2،4 پىرسەنتكە كېمەيتكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي ئېمبارگو مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەدىكى كرىزىسنىڭ يەنە سوزۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ، ئەلۋەتتە، قازاقىستانغىمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ مۇرەككەپ شارائىتتا مەبلەغدىن دۇرۇس پايدىلىنىش، ئىككىنچى ئورۇندىكى چىقىملارنى ئازايتىش، ئانچە ئەھمىيىتى يوق لايىھىلەرنى توختىتىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىغا، قازاقىستان ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھالاكەتلەرنىڭ ئاساسى يوقلۇقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف رۇسىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:«سەۋەبى رۇبلىنىڭ ئەرزانلىشى قازاقىستان تەڭگىسىگە بېسىم ئېلىپ كەلدى. تاۋارلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭكى بولغانلىقتىن، رۇسىيەگە كەلگەن قازاقىستانلىقلار بۇ تاۋارلارنى دوللارغا سېتىپ ئالىدۇ. ئۇلار ماشىنىلارنى سېتىۋېلىپ، قازاقىستانغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ شۇنىڭغا ئېلىپ كەلدىكى، بىرىنچىدىن، رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن بۇ ياخشى، ئەمما بۇ پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. قوشنا ئەلدىكى ۋاليۇتا ئەرزانلىسا، دېمەك شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مىللىي ۋاليۇتىمۇ تۇراقسىزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى بىزنى ئۆزىگە تارتىشقا باشلايدۇ. رۇسىيەگە قارشى قارىتىلغان ئىقتىسادىي چەكلىمە بىزگە ئەكس تەسىر بېرىدۇ. ئەھۋال ياخشىلانمايدۇ. بولۇپمۇ ئاددىي پۇقرا ئۈچۈن ئەھۋال ھەتتا بىر نەچچە يىللار مابەينىدە يەنىمۇ قىيىنلىشىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت