بېيجىڭدىكى يىغىن قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف «بىر بەلۋاغ بىر يول» يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف «بىر بەلۋاغ بىر يول» يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
AFP

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكەن خەلقئارالىق «بىر بەلۋاغ، بىر يول» مۇنبىرى يىغىنىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينىڭ مەزكۇر تەشەببۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى بەش تەكلىپىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.

«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «نازاربايېف بېيجىڭ يىغىنىدا بەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەكلىپلەر، بىرىنچىدىن، پرېزىدېنت تاموژنىدا ئۆتىدىغان توۋارلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈش، خىزمەت كۆرسىتىش دەرىجىسىنى ياخشىلاش، مەمۇرىي توسالغۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانالىز ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش ۋە مەبلەغ بۆلۈش تەلەپ قىلىنماقچى. ن. نازاربايېف ئاسىيا بانكىغا ئەنە شۇنداق پروگراممىلارغا خىراجەت ئاجرىتىشنى تەكلىپ قىلدى. ئىككىنچىدىن، ئۇلۇغ يىپەك يولى بويىدىكى ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، ئىنوۋاتسىيىلىك ۋە ئىلمىي-تېخنىكىلىق تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. قازاقىستان رەھبىرى بۇ يەردە قازاقىستان ئالىملىرىنىڭ خەلقئارا يىپەك يولى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇش تەشەببۇسىغا نەزەر ئاغدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، بۇ ئىدىيىنىڭ خىتاي ۋە يەنە 16 مەملىكەتنىڭ ئىلمىي مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۆتىنچىدىن، چېگرالار ئارا دەريالارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ئورۇنلۇق ئىشلىتىش. بەشىنچىدىن، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھىسىگە جەلپ قىلىنغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ساھەلەردىكى كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن كېلىشىملەر ئىمزالانغان ئىدى. «رېگنۇم» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «نازاربايېف خىتايدا: قازاقىستان قانداق قىلىپ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىدۇ؟» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتايغا قىلغان سەپىرى دائىرىسىدە قازاقىستاننىڭ «سامرۇق-قازىنا» كومپانىيىلىرى خىتايدىكى بىر قانچە شېرىكلىرى بىلەن بىر قاتار شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. شۇنداقلا نېفىت، گاز، تاغ تۆمۈر كانلىرى بويىچىمۇ كېلىشىملەرگە كەلگەن.
بېيجىڭدا ئۆتكەن يىغىن قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

«ئازادلىق» رادىيوسى تورىدا ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىش ئاستاناغا نېمە بېرىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە قازاقىستانلىق ئىقتىسادچى ژانگېلدى شىمشىقوفنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بېرىلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكەن يىغىن قازاقىستانغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكچى. بىرىنچى نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتىغا كەڭ يول ئېچىلىش كۈتۈلمەكتە. ئىككىنچىدىن، قازاقىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان «غەربىي خىتاي-غەربىي ياۋروپا» يولى بويىدا يېڭى ئاھالە پونكىتلىرى ۋە يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۈمىد پەيدا بولماقتا. ئەمما مۇتەخەسسىس ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋابكارلىق بىلەن قاراپ، قازاقىستان مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، ئەكس ھالدا مەملىكەتنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ژ. شىمشىقوف خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى لايىھىلەرگە مۇنچىلىك كۆپ مىقداردا خىراجەت بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى پەيدىن-پەي ھالسىراۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى 12 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان بولسا، ھازىر ئۇ ئالتە پىرسەنتكە چۈشۈپ كەتتى. شۇنداقلا ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا يۈەن ئىككى قېتىم ئەرزانلىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن خەۋپلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئېكسپورتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىۋاتىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكەن يىغىن خەلقئارادىكى چوڭ ۋەقە بولۇپ، ھازىر كۆپلىگەن مەملىكەتلەر بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەكتە. ئۇ بۇ يىغىننىڭ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىغا سۆزسىز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭ قازاقىستاننى ترانزىت، يەنى يۈكلەر توغرا ئۆتىدىغان ‹چېمپىيون› دېدى. ئېيتمىسىمۇ قازاقىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان يۈكنىڭ كۆلىمى ناھايىتى كۆپ. ئىككىنچىدىن، بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ ئېكولوگىيىسىگە، ئىقتىسادىغا، باشقىمۇ تەرەپلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم. چۈنكى، بۇ بويىچە كۆپ ئىلمىي ئىشلارنى يۈرگۈزۈش كېرەك. ئۇنداق ئىشلار ھازىر ناھايىتى ئاز، يوقنىڭ ئورنىدا. بىز پەقەت خام ئەشيا چىقىرىپلا، شۇنى خىتايغا چىقارساق، بىزدە يېڭى تېخنولوگىيىلەر بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەرنى كۆپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.»

ش. نادىروف قازاقىستاندىكى ئىلمىي-تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىشى، ھەر بىر ئىشقا توغرا ۋە ئوبيېكتىف باھا بېرىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف 2009-ۋە 2014-يىللىرى قازاقىستاندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پىلانلانغان يېڭى زاۋۇتلار سېلىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، كۆپلىگەن خىراجەتنىڭ يېڭى لايىھىلەر باھانىسى بىلەن ئىزسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكەن يىغىننىڭ، ئومۇمەن ئۇ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «يېڭى بەلۋاغ، يېڭى يول» لايىھىسىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ھەم ئىجابىي، ھەم سەلبىي تەسىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قازاقىستانغا خىتاي كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەم ئۆز ئالدىغا ئۆزىنى كۆتۈرۈشكە، ئۆز سانائىتىنى قۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپانىيىلىرى قازاقىستانغا كېلىپ، بۇ يەرنى تېز ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەم ئۆز ئىشلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ. بۇ يەردە يېڭى يۆنىلىشلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ قازاقىستان ئۈچۈن ياخشىلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆز كۈچى، ئۆز پۇلى بىلەن كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ يەردە چىقىدىغان توۋارلار خىتاي بازىرى ئۈچۈن ئوچۇق بولىدۇ. ئەگەردە قازاقىستانلىق تىجارەتچىلەر كۆپ بولىدىغان بولسا، بۇ پۇلنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستاندا قالىدۇ. ئەگەر خىتاي كومپانىيىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئۆز ئېلىدە قويىدىغان بولسىمۇ، بەرىبىر قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىغا سالىدىغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ترانسپورت تارماقلىرىنىڭ سېلىنىشى قازاقىستانلىق كارخانىلارنىڭ ئۆز لايىھىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. يەنى قازاقىستاننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى سېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.»
غ. ئاگېلېئۇئوف مەزكۇر لايىھىنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى قاتارىدا، بىرىنچىدىن، خىتاي ۋە قازاقىستانلىق ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىردەك بولمايدىغانلىقىنى، ئىلگىرى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتتى. ئىككىنچىدىن، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن قازاقىستاندا خىتاي رايونلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى. ئۈچىنچىدىن، خىتايلارنىڭ يەرلىك قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىدا، يا قىلماسلىقىدا، ھەر قانداق بىر تالاش-تارتىشلاردا ئالدى بىلەن قازاقىستانلىقلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھېسابقا ئېلىش مەسىلىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى. تۆتىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەسىلىسى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ ھاۋاسىنى تېز بۇلغايدىغان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ كىرىپ كېلىشىگە يول قويماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت