قىرغىزىستاندا ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن چېكىنگەنلىكىنىڭ 24 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بەزى ئانالىزچىلار نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1979‏-يىلى ئافغانىستانغا قوشۇن چىقىرىشى بىلەن باشلانغان ئافغان ئۇرۇشى، ئافغان خەلقىگە ئېغىر تالاپەت، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپلا قالمىغان.

10 يىللىق ئۇرۇش يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر ئىقتىسادى يۈك ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەن. 10 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە مېيىپ بولغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بارغان كىشىلەر. مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئافغان ئۇرۇشىدا ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە مېيىپ بولغان كىشىلىرىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

يېقىندا پېشقەدەم ئەسكەرلەر قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى بىر زالدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئافغان ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت